باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

لوپ بالىمىنى

مۇھەممەدئەلى ئەنۋەر

2016.01.05 14:11   مەنبە: خەلق تورى

لوپ بالىمىنى

  خەلق تورى (لوپ ناھىيە سامپۇل بازارلىق مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پونكىتىدىن مۇھەممەدئەلى ئەنۋەر) بالىمان-پۈتۈنلەي قۇمۇشتىن ياسىلىدىغان، تارىخى ئۇزۇن، ئۆزگىچە مىللى ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، پۈۋلەپ چىلىنىدىغان يەللىك مىللى چالغۇلىرىمىزنىڭ بىرى.

  بالىماننى ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزىتىدىغان بولساق، پۈۋلەيدىغان ئۇچ قىسىمى ياپىلاقلانغان، توغرىسىغا قۇمۇش قىستۇرۇلغان، ئۈستىدە كۆپلىگەن تۈشۈكچىلەر بار بولغان ھالەتنى كۆرىمىز. بالىماننىڭ ئۇزۇنلۇقى ئادەتتە 28 سانتىمىر ئەتراپىدا بولىدۇ.

  بالىماننىڭ چېلىنىش قانۇنىيتى:

  چېلىش قانۇنىيتى بولسا بىر تەرەپتىن پۈۋلەپ، يەنە بىر تەرەپتىن بالىمان ئۈستىدىكى تۈشۈكچىلەرنى بارماق بىلەن بېسىپ، نەيگە ئوخشاش چېلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئاۋازى ئوتتۇرا ئاۋاز تۈسىنى ئالغان بولۇپ، بالىمان قۇمۇشىنىڭ ياپىلاقلانغان ئۇچ قىسمى ئېغىزنىڭ پۈۋلەش كۈچى ئارقىلىق تىترىشىدىن ئاجايىپ ئۆزگىچە تۈسكە ئىگە ئاۋاز چىقىدۇ. ئۇ خوتەن رايونىغا، بۇلۇپمۇ لوپ ناھىيسىگە كەڭ تارقالغان. ھازىرقى بالىمان سەككىز تۈشۈكلۈك بۇلۇپ، C1 ئاھاڭدىن G2 ئاھاڭغىچە بولىدۇ.

  ئەمگەكچان ئەقىل پاراسەتلىك خەلقىمىز، سۇ كەمچىل چۆل-ئىدىرلاردا ئۆسىدىغان بۇ غوللۇق ئۆسۈملۈك قۇمۇشتىن پايدىلىنىپ، ئوقيا ياساپ ئوۋچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان؛ قۇمۇشنى يانجىپ، يالپاقلاپ بورا ياساپ، ئۆيلەرنىڭ ئۆگزە (تۇرۇس) قىسىمىنى بورا ئارقىلىق ياپقان؛ يەنە قۇمۇشنى كېسىپ، بىر ئۇچىنى يالپاقلاپ پۈۋلەپ ئۆزگىچە ئاۋاز تۈسىنى چىقىرىپ، بۇ بالماندىن ئىبارەت قەدىمىي پۈۋلىمە چالغۇنى ياساپ چىققان.

  بالىمان سۆزى ئادەتتە « قالۇنلار قامۇسى»دا «بىلى» دەپ ئاتالغان ۋە ئۇنىڭدىن باشقا «پىپى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

  بالىماننىڭ ياسىلىشى:

  بالىماننىڭ ئاساسلىق ماتېرىيالى قۇمۇش بۇلۇپ، يەنى ئىچى قىسمى كاۋاك ئاق قۇمۇشتىن ياسىلىدۇ. بۇنداق قۇمۇشلار ئاساسەن چۆل –ئىدىر، سايلاردا، سازلىقلاردا كۆپ چىىقىدۇ.

  1)غول قىسمىنى تەييارلاش

  ئاۋۋال ياخشى ئۆسكەن قۇمۇشنى كىسىپ ئېلىۋېلىپ قۇرۇتۇلىدۇ. قۇرۇتۇلغان، كىسىپ تاللىۋېلىنغان قۇمۇشنى 30 سانىتىمىر ئەتراپىدا تىغلىق قول پىچىقى ئارقىلىق كېسىپ بالىماننىڭ غول قىسمى تەييارلىنىدۇ.

  ئۇنىڭدىن كېيىن بالىماننىڭ غول قىسمى ئۈستى تەرىپىگە يەتتىدىن سەككىزگىچە تۆشۈك ئېچىلىدۇ. تۆشۈك ئادەتتە (بىگىز) قول ئۈشكىسى ئارقىلىق ياكى 6 مىللىمېتىر توملۇقىدىكى سىم ياكى تۆمۈرنى قىزىتىپ كۆيدۈرۈپ تۈشۈك ئېچىلىدۇ.

  بالىماننىڭ غول قىسمىغا تۆشۈك ئېچىپ بولغاندىن كېيىن پۈۋلەش ئۇچى قىسىمى قول پىچىقى ئارقىلىق قىرىپ ياپىلاقلىنىپ، تۈز ھالەتكە كەلتۈرلىدۇ.

  2) تەڭشىگۈچ ياساش.

  ئۇندىن كېيىن قۇمۇشتىن پايدىلىنىپ بالىمان تەڭشىگۈچ ياسىلىدۇ. بالىمان تەڭشۈگۈچىمۇ قۇمۇشتىن ياسىلىدۇ.

  تەڭشۈگۈچ ياسىلىدىغان قۇمۇشنى ئوتتۇرىدىن يېرىپ، ئىككىگە پارچىلىنىدۇ. ئىككى تەرىپىنى قايتا جىپسىلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرىپىنى ئىنچىكە شوينا (يىپ) ئارقىلىق يۆگەپ چىگىش ئارقىلىق بالىمان تەڭشىگۈچى تەييارلىندۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن تەڭشىگۈچ بالىماننىڭ پۈۋلەش قىسمىغا قىستۇرلىدۇ.

  بىر تەرەپتىن پۈۋلەپ، يەنە بىر تەرەپتىن تەڭشىگۈچ مۇۋاپىپ ئاۋاز تۈسىگە كەلگەنگە قەدەر تەڭشەش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

  بالىماننىڭ رولى ۋە ئالاھىدىلىكى:

  گەرچە بالىمان تولىمۇ ئاددى ئۇسۇلدا ياسىلىدىغان چالغۇ بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئۆزگىچە مۇڭلۇق كۈي ئاۋاز تۈسى بىلەن مىللى چالغۇ سەنئىتىمىزدە ئۆز رولىنى كۆرسىتىپ كەلمەكتە.

  بىراق ھازىر بالىمان چالىدىغانلار كۈنسىرى ئازىيىپ، بالىمان ياسايدىغانلارمۇ ساناقلىق ھالەتتە تۇرماقتا.

  دىيارىمىز خوتەننىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكىگە ئىگە چالغۇسى سۈپىتىدە، خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىيسى غەيرىي ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قايتا تەكشۈرۈپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇپ، نوقتىلىق تۈر قىلىپ يۇقىرىغا يوللاش ئارقىلىق ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان غەيرى ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزدى. (لوپ ناھىيە سامپۇل بازارلىق مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پونكىتىدىن مۇھەممەدئەلى ئەنۋەر)

  سۈرەتتە: لوپ ناھىيلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ پىشقەدەم بالىمان چېلىش ئۇستىسى، لوپ بالىمىنى ياساش ۋارىسى مەرھۇم توختى سىيت ئاكا كەسىپداشلىرى بىللە

  مۇھەررىر: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئۆتكەن يىلى 53نەپەر ئالىي مەكتەپ رەھبىرى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ  بايرام مەزگىلىدە سوۋغا قوبۇل قىلىشنى چەكلىدى  
      ·2016-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلار ئالدىنقى يىلىدىكىدىن مىڭغا يېقىن ئازايدى
      ·ياۋروپادىكى ئالىي مەكتەپلەر ‹‹ئېچىۋېتىلگەن دۇنيا›› بەرپا قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ
      ·دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانى ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلەر
      ·ئوقۇش تەۋەلىكى ئۇچۇرى بولمىغان يەسلى بالىلىرى مەكتەپكە كىرەلەمدۇ؟
      ·دۆلەت مائارىپ ئىمتىھانىدا ساختىلىق قىلغانلارنىڭ بىر يىلدىن ئۈچ يىلغىچە ئىمتىھانغا قاتنىشىشى چەكلىنى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالاھىدە تۈرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش قىزىل سىزىقى بېكىتتى
      ·ئاۋات ناھىيەسىدە لۇشۈن باشلانغۇچ مەكتىپى قۇرۇلدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىكىدىن ماۋزېدۇڭ، لۇ شۈن قاتارلىقلارنىڭ ت…