سۈرەتتە: 15-ئاپرېل، لاۋرىنس مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىنىڭ رىياسەتچىسى ، ئەنگلىيەلىك ئارتىس بېنېدىكت كونبو بايكى قىزىل پاياندازدا ماڭماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:تۆنۈگۈن كەچتە ، 2015 - يىللىق لاۋرىنس دۇنيا تەنتەربىيە مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمى شاڭخەي چوڭ تىياتىرخانىسىدا باشلاندى.
ئېفىئوپىيە يېنىك ئاتلېتىكا تەنھەرىكەتچىسى G –دىبابا ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال تەنھەرىكەتچى شەرىپىگە، سېربىيە چويلا توپ تەنھەرىكەتچىسى جا كوۋىچ ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر تەنھەرىكەتچى شەرىپىگە ئېرىشتى. بۇ ئۇنىڭ 2012 - يىلىدىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىم بۇ شان – شەرەپكە ئېرىشىشىدۇر. جۇڭگو چويلا توپ ماھىرى لى نا كۆزگە كۆرۈنگەن نەتىجە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ سابىق تەنھەرىكەتچىسى ياۋ مېڭ تەنتەربىيە روھى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى