خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 16- ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 49 - نۆۋەتلىك يېنىك ئاتلېتكا تەنھەرىكەت يىغىنى گۈزەل باھار كۈنلىرىدە داغدۇغىلىق ئېچىلدى .
مەكتەپ تەنھەرىكەت مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئالدى بىلەن مەيدانغا چىققىنى« رەڭدار جۇڭخۇانىڭ رىتىملىق گىمناستىكىسى » ، ئارقىدىنلا ئوقۇغۇچىلار تەنھەرىكەتچىسى ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپقان ھەرقايسى ئىنستىتۇت ۋە فاكۇلتېت تەرتىپ بويىچە مەيدانغا كىرىپ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ياشلىرىنىڭ سالاپىتىنى نامايان قىلدى .
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى