بېيجىڭ ۋاقتى 15-ئاپرېل سەھەردە، ياۋروپا كۇلۇبلار چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىنىڭ تۆت كۈچلۈكنى تاللاش ئايلانمىسى 1-مەيدان مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. يۇۋېنتۇس كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا موناكو كوماندىسىنى 0:1 يەڭدى، ۋىدال بىر نۇقتا توپ كىرگۈزدى. مادىرىد ماھارەت كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا خانلىق مادىرىد كوماندىسى بىلەن 0:0 تەڭلەشتى.