خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-دېكابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:4-دېكابىر چۈشتىن كېيىن سائەت 15دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە،جياڭشى ئۆلكىسى جىڭدېجىن شەھىرىنىڭ مەركىزى جۇڭشەن يولى خۇادا تۈرلۈك ماللار سارىيىنىڭ يان ئىشىكى ئەتراپىدىكى تاختىپەر چۈشۈپ كېتىپ يەتتە ئادەمنىڭ يارلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ھۆكۈمەت خەۋىرىدىن قارىغاندا، ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، شەھەرلىك پارتكوم، شەھەرلىك ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قوماندانلىق قىلغان. يارىدارلار يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىغا ئىلىپ بېرىلغان. ھازىر ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى تەكشۈرۈلمەكتە. لىيو فېڭ فوتوسى
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى