باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ئاي ئاخىرىدىن بۇرۇن قاتناش باشلىنىدۇ، ئومۇمىي مۇساپىسى 4300 كىلومېتىر

2014.12.04 14:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئاينىڭ ئاخىرى، ئاقسۇ ـ قەشقەر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولى، مەكىت ـ قەشقەر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولى، ئاچالدىن يەكەنگە بارىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولدا قاتناش باشلىنىش ئەمەلگە ئاشىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ بۇ يىللىق قاتناش باشلىنىش مۇساپىسى مىڭ كىلومېتىردىن ئېشىپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 4300 كىلومېتىرغا يېتىدىكەن.

  3-دېكابىر، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش تىرانسىپورت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاقسۇدىن قەشقەرگە بارىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 428.493 كىلومېتىر بولۇپ، ئاقسۇنىڭ جەنۇبىدىن باشلىنىپ، ئۇلىنىپ ياسالغان كۇچا ـ ئاقسۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولى، چىلان، ئاچا، ئاچال، شىكەر، ئاتۇشتىن ئۆتۈپ قەشقەرنىڭ شىمالىغا كېلىپ توختاپ، قۇرۇش پىلانلانغان قەشقەر شەھىرىنى ئەگىپ ئۆتۈدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يول بىلەن تۇتىشىدىكەن. پۈتۈن لىنىيە قوش لىنىيەلىك بولۇپ، تۆت ماشىنا پاتىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ئۆلچىمى بويىچە ياسالغان، سۈرئەتلىك تېزلىكى سائىتىگە 120 كىلومېتىر، يولنىڭ ئاساسىي كەڭلىكى 28 مېتىر. ئاقسۇدىن قەشقەرگە بارىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگە بارىدىغان يولنىڭ پۈتۈن مۇساپىسىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يول بولۇشى ئەمەلگە ئاشىىدىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر