خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل 4-نويابىر روسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن زۇڭتۇڭ بۇيرۇقى ئىمزالاپ، 3-دېكابىرنى «نامسىز قۇربانلار كۈنى» قىلىپ بەلگىلىگەنىدى. تۈنۈگۈن روسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ كوماندىر-ئەسكەرلىرى موسكۋا كرېمل سارىيى ئەتراپىدىكى نامسىز قۇربانلار خاتىرە ئابىدىسىگە گۈلچەمبىرەك قويدى. سانت پېتىرىبۇرگ قاتارلىق جايلاردا روسىيە ئاھالىسى نامايىش ئۆتكۈزۈش، گۈل چەمبىرەك قويۇش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن «نامسىز قۇربانلار كۈنى»نى خاتىرىلىدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى