خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-دېكابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:2-دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن، مۇددىتى توققۇز كۈنلۈك «ئاقسۇ ئالمىلىرى قىزاردى»-- شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى جېجياڭ كۆرگەزمىسى خاڭجۇ ھۈنەر-سەنئەت سارىيىدا ئېچىلدى. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە « كۈسەن مەدەنىيىتى» ۋە «دولان مەدەنىيىتى»دىن ئىبارەت ئىككى يەرلىك خاس مەدەنىيەت ماركىسىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، جەمئىي 900 دىن ئارتۇق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى كۆرگەزمىگە قويدى. مەركەزنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، جېجياڭ ئۆلكىسى 2010-يىلى 5-ئايدىن باشلاپ شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى بىلەن بىڭتۇەن بىرىنچى شىسىگە ياردەم قىلىشقا باشلىغان. جېجياڭ ئۆلكىسى سەككىزىنچى قېتىملىق ياردەمدە، 500كادىرنى شىنجاڭغا ئەۋەتىپ، 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن باشلاپ مۇددىتى ئۈچ يىللىق يېڭى بىر تۈركۈملىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلىغان.
جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى نې يەنچىياڭ فوتوسى
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى