باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە زۇڭتۇڭى پوتىن تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى

2014.12.04 14:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  {رۇسىيە زۇڭتۇڭى پوتىن 1-دېكابىر تۈركىيەدە بۇ يىللىق تۇنجى قېتىملىق دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى ھەمدە تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردۇئان بىلەن سۆھبەتلەشتى، ئىقتىساد سودا ھەمدە ھەربىي تېخنىكا ھەمكارلىقىنى مۇزاكىرە قىلدى.}

  رۇسىيە زۇڭتۇڭى پوتىن 1-دېكابىر تۈركىيەدە بۇ يىللىق تۇنجى قېتىملىق دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى ھەمدە تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردۇئان بىلەن سۆھبەتلەشتى، ئىقتىساد سودا ھەمدە ھەربىي تېخنىكا ھەمكارلىقىنى مۇزاكىرە قىلدى. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تۈركىيە ئۇزۇندىن بېرى مۇستەقىل دىپلوماتىيە سىياسىتىنى يولغا قويۇپ كەلگەن ھەمدە ئامېرىكا ياۋروپا ئارىسىدىكى مەنپەئەت ئىختىلاپى بولغانلىقتىن، رۇسىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى بۇ دۆلەتنى دىپلوماتىيەسىنىڭ بۆسۈش ئېغىزى قىلماقچى بولدى.

  تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردۇئان شۇ كۈنى زىيارەتكە كەلگەن پوتىن بىلەن تۈركىيە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقى، ئېنېرگىيە ۋە سۇرىيە ۋەزىيىتى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت يەنە تۈركىيە رۇسىيە يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق يىغىنى ئاچتى. پوتىن 1-دېكابىر مۇنداق دېدى: ياۋروپا تەرەپ قارشى تۇرغانلىقتىن، رۇسىيە جەنۇب تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى تۈرىدىن ۋاز كەچمەكچى بولدى ھەمدە تۈركىيە بىلەن بولغان ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدۇ. رۇسىيە شىركەتلىرى بۇندىن بۇرۇن جەنۇب تەبىئىي گاز تۇرۇبا تۈرىگە 5 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سالغان ئىدى.

  پوتىن مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: رۇسىيە تۈركىيە بىلەن گرېتسىيە چېگراسىدا بىر تەبىئىي گاز ئۆتىڭى قۇرۇشنى ئويلاشماقتا. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: تۈركىيە گېرمانىيەدىن قالسىلا، رۇسىيەدىن تەبىئىي گاز ئېكسپورت قىلىدىغان 2-چوڭ دۆلەت. رۇسىيە كېلەر يىلىدىن باشلاپ تۈركىيەگە ئېكسپورت قىلىدىغان تەبىئىي گاز باھاسىنى %6 تۆۋەنلىتىش ھەمدە ئېكسپورت مىقدارىنى 3 مىليارد كۇپ مېتىر ئاشۇرۇشقا ۋەدە بەردى.

  رۇسىيە ياۋروپا ئەللىرىنى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىغان مۇھىم دۆلەت. رۇسىيە تەبىئىي گاز سانائىتى پاي شىركىتى ھەر يىلى ياۋروپا ئەللىرىنى %30 تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  لېكىن بۇنىڭ يېرىمى ئۇكرائىنادىن ئۆتىدۇ. رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ تالاش تارتىشى ئۈزۈلمىگەنلىكتىن، رۇسىيە تەبىئىي گاز سانائىتى پاي شىركىتى 2007-يىلى جەنۇب گاز يەتكۈزۈش تۇرۇبا تۈرىنى باشلاپ، ئۇكرائىنادىن ئەگىپ ئۆتۈپ، ياۋروپا ئەللىرىنى گاز بىلەن تەمىنلىمەكچى بولغان ئىدى. پىلانغا ئاساسەن، جەنۇب گاز تۇرۇبا تۈرىگە ئون مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىنىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 980 كىلومېتىر كېلىدۇ، رۇسىيەدىن باشلىنىپ قارا دېڭىزنىڭ ئاستىدىن بۇلغارىيە دېڭىز قىرغىقىغا بارىدۇ، ئاندىن كېيىن ئىككى تارماق لىنىيە بويىچە ئاۋسترىيە، ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە يەتكۈزۈلىدۇ. 2013-يىلى 10-ئايدا بۇ تۈردا بۇلغارىيەدە ئىش باشلانغان ئىدى.

  تاراتقۇلار شۇنىڭغا دىققەت قىلدىكى، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئەللىرىنىڭ جازاسى ۋە يېتىم قالدۇرۇشى ئارقىسىدا، رۇسىيە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خەلقئارا سەھنىدە يېڭى دوست ئىزدەشكە كىرىشتى، پوتىننىڭ جەنۇب تۇرۇبا تۈرىدىن ۋاز كېچىشنى قارار قىلىشى- تۈركىيە بىلەن ئېنېرگىيە ئىتتىپاقى تۈزۈشنى مەقسەت قىلىدۇ.

  بۇ يىل 3-ئايدا ئۇكرائىنا كرىزىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، غەرب ئەللىرى رۇسىيەنى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى ئەل ئارا قوراللىق كۈچلەرنى ھەربىي، ئىقتىساد قاتارلىق جەھەتلەردە قوللىدى دېگەننى بانا قىلىپ، رۇسىيەگە كۆپ قېتىم جازا يۈرگۈزدى. بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈن، رۇسىيە بۇ يىل 8-ئايدا كەلگۈسى بىر يىلدا رۇسىيەگە جازا يۈرگۈزگەن دۆلەتلەردىن قىسمەن يېزا ئىگىلىكى مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى مەنئى قىلىش ۋە چەكلەشنى قارار قىلدى. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ نامزاتلىق ئورنىنى قولغا كەلتۈرگەن تۈركىيە غەربىنىڭ رۇسىيەنى جازالاش لاگىرىغا كىرمىدى.

  رۇسىيەدە چىقىدىغان «سودىگەرلەر گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پوتىن زىيارەت قىلىش ھارپىسىدا تۈركىيەنىڭ مۇستەقىل دىپلوماتىيە سىياسىتىگە يۇقىرى باھا بەرگەن، كانىيجى موسكۋا مەركىزىنىڭ مۇدىرى تېرىنىن: رۇسىيە تۈركىيەدىن ئىبارەت بۇ مۇستەقىل دۆلەت بىلەن ئالاقە قىلىشنى خالايدۇ، دېدى.

  موسكۋا تۈركىيە مۇستەقىل دىپلوماتىيە سىياسىتىگە ئىگە دەپ قارايدۇ، بۇنىڭ ئاساسى بار، بۇ يىل 7-ئايدا غەرب ئەللىرى رۇسىيىگە جازالاش بېسىمى ئىشلەتكەندە، تۈركىيە ئەكسىچە ئىش قىلىپ، رۇسىيە بىلەن ئىككى تەرەپلىك سودىدا ئۆز دۆلىتىنىڭ پۇلى بىلەن راسخوت قىلىش ئىشىنى مۇزاكىرە قىلدى.

  ئەنقەرەنىڭ يۈكسەك جاسارىتى ھەمدە غەرب بىلەن قارشىلىشىش ئارزۇسى قەيەردىن كەلدى؟ بولۇپمۇ كۈچلۈك ۋاشىنگتونغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تۈركىيەنىڭ بۇ تەكلىپى بىۋاسىتە سىياسىي خىرىس ھېسابلىنىدۇ. نۇرغۇن رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ قارىدى: تۈركىيە دۇنيادىكى ئاز ساندىكى تامامەن مۇستەقىل بولغان ھەمدە مىللەتنىڭ مەنپەئەتىنى يېتەكچى قىلىپ دىپلوماتىيە سىياسىتى تۈزگەن بىر قانچە دۆلەتنىڭ بىرى. ئىقتىسادى جەھەتتە ئەنقەرە شۇنى ئېنىق بىلىدۇكى، تۈركىيە پايدىلىق شارائىتتا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ھەقىقىي كىرەلمەيدۇ، مىللەتنىڭ مەنپەئەتى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن بىرگەۋدىلىشىش ئىستراتېگىيە جەھەتتە تۈركىيەنى جەلپ قىلىش كۈچىدىن قالدۇرىدۇ. سىياسىي جەھەتتە تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ھەمدە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن نۇرغۇن سىياسىي مەنپەئەت زىددىيىتى بار، شۇڭا ئامېرىكا ياكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ سىياسىتىگە بېقىپ ئىش قىلىپ كەتمەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر