باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەمۇرلار مائاش ئىسلاھاتىنىڭ يۆنىلىشى توغرىسىدا

2014.12.04 16:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇتەخەسسىس يەشمىسى

  مەركەزنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 7-قېتىملىق يىغىنى 2- دېكابىر «ناھىيەدىن تۆۋەن ئورگانلاردا مەمۇرلارنىڭ ۋەزىپىسى بىلەن ۋەزىپە دەرىجىسىنى تەڭ يولغا قويۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىش توغرىسىدىكى پىكرى» گە قاراپ چىقتى. مۇتەخەسسىس: بۇ ئاساسىي قاتلامدىكى مەمۇرلارنىڭ تەرەققىيات يوللىرىنى كېڭەيتىدۇ، مەمۇرلارنىڭ تەمىناتىمۇ ۋەزىپە دەرىجىسى بىلەن مۇناسىپ تەڭشىلىدۇ، دېدى.

  يۇقىرىدىكى ناھىيەدىن تۆۋەن ئورگانلاردا خىزمەت قىلىۋاتقان مەمۇرلارغا پايدىلىق خۇشخەۋەر تورداشلارنىڭ مەمۇرلارنىڭ مائاش ئىسلاھاتىغا بولغان قىزىقىشى يەنە بىر قېتىم كۈچەيدى. 2014- يىلى مەملىكەت «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇلى مەمۇرلار مائاش مەسىلىسىدىكى سۇئالغا جاۋاب بەرگەندە:«ھازىر مەمۇرلارنىڭ مائاشى 2006- يىلى مەمۇرلار قانۇنى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن يولغا قويۇلغان. ئومۇمەن ئېيتقاندا، يولغا قويۇلۇشى مۇقىم ئەمەس، يەنىلا بەزى مەسىلىلەر ساقلانماقتا. مەسىلەن، مائاش قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق ئەمەس، ئاساسىي مائاش نىسبەتەن تۆۋەن، قوشۇمچە ياردەم پۇلى قىسمىنىڭ نىسبىتى يۇقىرى، مەمۇرلار مائاشىنىڭ نورمال ئېشىشىدىكى ئۇزاق مەزگىللىك مېخانىزمىمۇ ئورنىتىلمىدى، ئاساسىي قاتلامغا مايىلچانلىقى يېتەرلىك بولمىدى»، دېدى. بۇنىڭدىن بىز مەمۇرلار مائاش ئىسلاھاتىدا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرنىڭ كۆپلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر