باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچىدىكى مىڭ نەپەر قاتناش ساقچىسى بىر سائەتلىك كېچىلىك تەكشۈرۈشتە قانۇنغا خىلاپ قاتناش مەسىلىسىدىن 1736نى تەكشۈرۈپ چىقتى

2014.12.04 14:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پىراۋىسى ياكى يۈرۈش كىنىشكىسى ۋە ياكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈش ئىسپاتىنى ئۇنتۇپ قىلىش شۇنىڭدەك يىللىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەنلىك بەلگىسىنى چاپلىماسلىق دېگەندەك قىلمىشلارغا قارىتا قاتناش ساقچىلىرى ۋاقىتلىق تەكشۈرۈش ئىلىپ باردى، كېچىلىك تەكشۈرۈشتە نىسبەتەن ئېغىر بولمىغان قاتناشقا خىلاپ قىلمىشلار %90تىن كۆپ بولدى.

  3-دېكابىر، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش تارماق ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2-دېكابىر كەچ سائەت 9:30دىن سائەت 22:30غىچە، پۈتۈن شەھەر بويىچە 303 چوڭ، كىچىك يول ئېغىزى، يول بۆلەكلىرىدە تەكشۈرۈش نۇقتىسى تەسس قىلىنىپ، «مىڭ قاتناش ساقچىسى يولغا چىقىپ ۋەزىپە ئىجرا قىلىش، مىڭلىغان شەھەر ئاممىسى پىكىر بېرىش» چوڭ تىپتىكى كەچلىك تەكشۈرۈش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، بىر سائەتلىك كېچىلىك تەكشۈرۈشتە جەمئىي 1110 ساقچى كۈچى، 209 ساقچى ماشىنىسى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، تۈرلۈك قاتناش قائىسىدىگە خىلاپلىق قىلمىشتىن1736سى بايقالغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىشتىن 18ى، ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەشتىن 15ى، پىيادىلەر يولىنى توغرا كېسىپ ئۆتىدىغان يەردە يول بەرمەسلىكتىن 18ى، قىزىل چىراقنى بۆسۈپ ئۆتۈشتىن 8ى بولۇپ قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى پىراۋىسىنى ئۇنتۇپ قىلىشتەك قاتناش قائىدىسىگە يىنىك دەرىجىدە خىلاپ قىلمىشلار ئىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر