- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شىياڭگاڭدا قانۇنسىز «ئوتتۇرا ئايلانمىنى ئىگىلەش»نى تەشەببۇس قىلغان ئۈچ كىشى ئۆزىنى مەلۇم قىلىش تەرتىپىنى تاماملاپ ساقچى ئىدارىسىدىن ئايرىلدى
2014.12.04 23:53 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شياڭگاڭ تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شياڭگاڭدا قانۇنسىز «ئوتتۇرا ئايلانمىنى ئىگىلەش ھەرىكىتى»نى تەشەببۇس قىلغان شياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى دەي ياۋتىڭ، شياڭگاڭ خەنزۇ تىلى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى چېن جيەنمىن، شياڭگاڭلىق باستېر جۇ ياۋمىڭ قاتارلىق ئۈچ كىشى 3-دېكابىر چۈشتىن كېيىن شياڭڭگاڭ ئوتتۇرا رايونلۇق ساقچى مەھكىمىسىگە كېلىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلىش تەرتىپلىرىنى تاماملاپ، تەخمىنەن بىر سائەتتىن كېيىن ساقچى مەھكىمىسىدىن ئايرىلدى.
ساقچى تەرەپنىڭ دېيىشىچە، بۇ ئۈچ كىشى قولغا ئېلىنمىغان، شۇڭا قېلىپ بىر تەرەپ قىلىدىغان ئالاھىدە ئىشلار يوق، ھەمدە ساقچى مەھكىمىسىگە قايتىپ كېلىدىغان ۋاقىتمۇ تىلغا ئېلىنمىغان.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر