باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

لىما يىغىنىدىن بۇرۇن ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەيدانىغا نەزەر

2014.12.04 14:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  {2014-يىللىق «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى»نى تۈزگۈچى تەرەپلەرنىڭ 20-قېتىملىق يىغىنى ۋە «كىيوتو ئەھدىنامىسى»نى تۈزگۈچى تەرەپلەرنىڭ 10-قېتىملىق يىغىنى پات ئارىدا پېرۇنىڭ پايتەختى لىمادا ئېچىلىدۇ. بۇ قېتىمقى يىغىن كىلىمات سۆھبىتى كۆپ تەرەپلىك مۇساپىسىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، 2015-يىللىق پارىژ كىلىمات يىغىنىدا يەر شارىنىڭ كىلىمات كېلىشىمىنى ھاسىل قىلىش قىلالماسلىققا مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ.}

  2014-يىللىق «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى»نى تۈزگۈچى تەرەپلەرنىڭ 20-قېتىملىق يىغىنى ۋە «كىيوتو ئەھدىنامىسى»نى تۈزگۈچى تەرەپلەرنىڭ 10-قېتىملىق يىغىنى پات ئارىدا پېرۇنىڭ پايتەختى لىمادا ئېچىلىدۇ. بۇ قېتىمقى يىغىن كىلىمات سۆھبىتى كۆپ تەرەپلىك مۇساپىسىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، 2015-يىللىق پارىژ كىلىمات يىغىنىدا يەر شارىنىڭ كىلىمات كېلىشىمىنى ھاسىل قىلىش قىلالماسلىققا مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  ئۆتكەن يىلىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات سۆھبىتىگە «كېلىشىم كۆپ، ئەمەلىيلىشىش ئاز بولدى» دەپ باھا بېرىلدى، ماھىيەتلىك مەسىلىلەردە باشتىن ئاخىر بىردەكلىك ھاسىل قىلىنمىدى. 2014-يىلى يەر شارىنىڭ كىلىمات سۆھبىتى تېخىمۇ ئالدىراش بولىدۇ. پىلانغا ئاساسەن، ھەرقايسى تەرەپلەر لىما كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىدىن بۇرۇن يېڭى كېلىشىمدىكى مۇھىم مەزمۇنلارنى بېكىتىشى كېرەك، 2015-يىلى 5-ئايدىن بۇرۇن سۆھبەت لايىھەسىنى شەكىللەندۈرۈشى، 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىدا پارىژدا ئېچىلىدىغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات يىغىنىدا ماقۇللاپ، 2020-يىلى كۈچكە ئىگە قىلىشى لازىم.

  بۇنىڭ ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 3-، 6-، 10-ئايدا گېرمانىيەنىڭ بوئىندا ئۈچ نۆۋەت سۆھبەت ئۆتكۈزدى. 9-ئايدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بانكىمون 120 نەچچە دۆلەت رەھبىرى قاتناشقان كىلىمات باشلىقلار يىغىنى ئاچتى.

  ھالبۇكى ھازىرغا قەدەر سۆھبەت نەتىجىسى ئورتاق قاراش بىلەنلا چەكلەندى، يېڭى كېلىشىمدىكى ئاساسىي مۇھىم ئامىللارنى قانداق قىلىپ تەپسىلىيلاشتۇرۇش قاتارلىق يادرولۇق مەسىلىلەردە ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەش بولمىدى. سۆھبەتكە قاتناشقان ھەرقايسى تەرەپلەر چىقارغان سادادىن قارىغاندا، تەرەققىي تاپقان ئەللەر بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەرنىڭ ئارىسىدىكى ئىختىلاپ روشەن بولدى، لىما يىغىنىنىڭ ئىستىقبالىدىن ئۈمىدۋارلىنىشقا بولمايدۇ.

  بەزى تەرەققىي تاپقان ئەللەر يېڭى كېلىشىمدىكى بۇلغىما ئازايتىشنىلا تەكىتلىدى، بۇنىڭدىن مەقسەت تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بولۇپمۇ يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئىقتىسادى گەۋدىلەرگە تېخىمۇ كۆپ بۇلغىما ئازايتىش ۋەدىسىنى ئۈستىگە ئالدۇرۇش، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە مەبلەغ، تېخنىكا ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىش قاتارلىق تەرەپلەرگە بەك قىزىقىپ كەتمىدى، ئۇلار ئوتتۇرغا قويماقچى بولغان تۆھپە قوشۇشنى مۇستەقىل قارار قىلىش مەزمۇنىمۇ بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش بىلەنلا چەكلەندى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گەرچە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىر قاتار بۇلغىما ئازايتىش نىشانلىرى، ۋەدىسى ۋە پىلانىنى ئوتتۇرغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىي ئۈنۈمى تەشۋىق قىلغاندىكىدەك روشەن بولمىدى. بەزى تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ئامېرىكا لىما يىغىنىدا باشقا تەرەپلەرگە بۇلغىما ئازايتىشتا تېخىمۇ كۆپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا بېسىم قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆزلىرىنىڭ ۋەدىسىدىن ئۆزىنى چەتكە ئالىدۇ.

  ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتى 28-نويابىر ئاخبارات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى لىما كىلىمات يىغىنىدا 2015-يىلىدىكى پارىژ كىلىمات يىغىنىدا يېڭى ۋە قانۇنىي چەكلەش كۈچىگە ئىگە بولغان يەر شارى كىلىمات كېلىشىمى ھاسىل قىلىنىشى ئۈچۈن يول ئېچىشنى كۈتمەكتە. ئىتتىپاقىمىز بۇ قېتىمقى يىغىندا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ كەلگۈسى بىر قانچە ئايدا ئوتتۇرغا قويۇلىدىغان پارنىك گازى قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش نىشانىنىڭ ئېنىقلىقى، مىقدارى، نىسبىتى ھەققىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىنى كۈتمەكتە.

  جۇڭگونىڭ مەيدانى ئىنتايىن ئېنىق. جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۇ ۋېي يېقىندا جۇڭگونىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىغا بولغان ئۈمىدىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر 2020-يىلىدىن بۇرۇن بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش سالمىقىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈشى، مەبلەغ، تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىش، ئىقتىدار قۇرۇلۇشى جەھەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە مەدەت بېرىش ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە لىما يىغىنىدا ئادىل بولۇش پرىنسىپى ، ئورتاق، لېكىن پەرقلىق مەسئۇل بولۇش پرىنسىپى ۋە ھەر كىم ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىغا قاراپ ئىش قىلىش پرىنسىپىغا ئاساسەن، كېلەر يىلىدىكى پارىژ كىلىمات يىغىنىدا 2020-يىلىدىن كېيىنكى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشقا يەنىمۇ تۈرتكە بولىدىغان كېلىشىم ھاسىل قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  2009-يىلىدىكى كوپېنھاگېن يىغىنىدىن بۇيان، لاتىن ئامېرىكىسى ھەمدە باشقا رايونلاردىكى ئوتتۇرا كىچىك تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر خەلقئارا كىلىمات سۆھبىتىدە باش كۆتۈردى، ئۇلار خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېخىمۇ قاتتىق بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش تەدبىرى قوللىنىشىنى تەلەپ قىلدى.

  كىلىمات ئۆزگىرىشى يېڭى كېلىشىمىنى زىچ چۆرىدىگەن سۆھبەتلەر ھازىر ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە كىردى. سۆھبەت مەزمۇنى تېخىمۇ تەپسىلىيلاشتى، بۇ ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدۇ. سۆھبەت مۇساپىسى بارغانچە جاپالىق ۋە ئەگرى توقاي بولىدۇ. 2014-يىلىدىكى 3-نۆۋەتلىك كىلىمات يىغىنىدا ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەش بولمىدى، بۇ لىما كىلىمات يىغىنىغا زور بېسىم پەيدا قىلدى، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا 12-نويابىر بېيجىڭدا ئېلان قىلغان «جۇڭگو ئامېرىكا كىلىمات ئۆزگىرىشى بىرلەشمە باياناتى» بىر ياخشى خەۋەر ھەمدە بۇ يەر شارىنىڭ كىلىمات سۆھبىتىگە ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. كىشىلەر لىما يىغىنىدا ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەش بولۇشقا تۈرتكە بولۇشىنى، كەلگۈسىدىكى پارىژ يىغىنىغا ئاساس سېلىشىنى ئۈمىد قىلماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر