باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مۇبارەككە گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم چىقىرىلىشىنىڭ سەۋەبى نېمە؟

2014.12.04 14:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  29-نويابىر مىسىرنىڭ قاھىرە جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى مىسىرنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى مۇبارەك، سابىق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئادىل ۋە ئۇنىڭ 6 ياردەمچىسىنىڭ 2011-يىلدىكى نامايىشچىلارنى ئوققا تۇتۇش بۇيرۇقى چۈشۈرۈش ھەققىدىكى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتىنىڭ ئىناۋەتسىز ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سوت مەھكىمىسى يەنە مۇبارەك ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئوغلىغا قارىلتىغان چىرىكلىك جىنايىتىنى سۈرۈشتۈرۈش ۋاقىت چەكلىمىسىنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن بېكار قىلنغانلىقىنى جاكارلىدى. باش سوتچى راھىد ھۆكۈمنى ئېلان قىلغاندا سوت مەھكىمىسىدە ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى.

  قاھىرە جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇبارەك ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئوغلىغا مۇنداق ھۆكۈم چىقىرىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتتى. كىشىلەر ھەيران بولۇشۇپ: بۇ دېلودا نېمە ئۈچۈن بۇنداق زور كومىدىيەلىك ئۆزگىرىش بولىدۇ؟، دەپ سوراشتى، بۇنىڭ سەۋەبى مۇنداق 3 خىل:

  بىرىنچى: سېسى ھاكىمىيىتى بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ خەلقنى ئۆزىگە رام قىلىدۇ. مىسىر خەلقى مۇبارەككە ئوخشىمىغان باھا بېرىدۇ. 2011-يىلنىڭ باشلىرىدا، مىسىردا ئىنقىلاب باشلاندى، نۇرغۇن ئامما مۇبارەك ھاكىمىيىتىگە كۈچلۈك قارشى تۇردى، ھەمدە مۇبارەكنىڭ تەختتىن چۈشىشىنى تەلەپ قىلدى. 3 يىلغا سوزۇلغان ئېغىر مالىمانچىلىقتىن كېيىن، مىسىر خەلقى مىسىرنىڭ ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى، كىشىلەر مۇبارەك دەۋرىدىكى تىنچ تۇرمۇشنى سېغىنىشقا باشلىدى، كىشىلەرنىڭ قەلبى ئەينى ۋاقىتتىكى ئۆزگىرىشتىن ھازىر خېلى مۇقىملىشىپ قالدى.

  كىشىلەرنىڭ مۇبارەككە بولغان باھاسى ئېغىر بېسىقلىق، ئوبيېكتىپ، ئاقىلانىلىك، سۇيېكتىپ ھېسسىيات جەھەتتە يىرگىنىشتىن ياخشى كۆرۈشكە ئۆزگىرىۋاتىدۇ. سېسى ھاكىمىيەت تۇتقاندىن كېيىن، مىسىرنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى مۇقىملاشتى، ئىقتىسادى ئەسلىگە كېلىشكە باشلىدى، ئەمما يەنىلا نۇرغۇن خىرىسلارغا دۇچ كەلدى، سېسى خەلق قەلبىنى ئۆزىگە ماھىل قىلىپ، خەلقنىڭ ئەقلىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، بىرلىكتە كۆرەش قىلىشى كېرەك ئىدى. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا، سېسى سوت مەھكىمىسى ئارقىلىق يۇقارقى زور تەدبىرنى قوللانسا، بىر تەرەپتىن مۇبارەكنى قوللايدىغان خەلقىنى ئۆزىگە ماھىل قىلالايدۇ، بولۇپمۇ زور مالىيە گۇرۇھلىرى شۇنداقلا مىسىردىكى سابىق مىللىي دېموكراتىك پارتىيەسىدىكى ئىختىساسلىقلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشلەيدۇ، ھەر قايسى سىياسىي گۇرۇھلارنىڭ بىردەكلىك ھاسىل قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن مۇبارەك ھاكىمىيىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكىنى ئىپادىلەپ، ئۆزىگە ئۆرنەك قىلىپ، يول ئاچالايدۇ؛ ئاخىرىدا بولسا ئارمىيەنىڭ كۆڭلىنى مۇقىملاشتۇرالايدۇ، نېمىلا دېگەن بىلەن مۇبارەكنىڭ ئارمىيەدىكى تەسىرى تېخى تۈگىمىدى.

  ئىككىنچى: ئەدلىيەدىكى ئادىللىقىنى پەش قىلالايدۇ. 2011-يىلى 2-ئايدا مۇبارەك ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن، نامايىشچىلارنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتىگە چېتىلىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. مىسىر ئارمىيە ھۆكۈمىتى دەۋرىدىكى سېسى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن بىنورمال ئەھۋالدا، مۇبارەك تۆمۈر قەپەزگە سولىنىپ، بىر قانچە قېتىم سوتلانغان، ئەمما ھېچقايسىنىڭ نەتىجىسى بولمىغان. غەرب ئەللىرى بۇ داڭلىق ئەربابنىڭ تۆمۈر قەپەزگە سولانغانلىقىنى تەھلىل قىلىپ، «بۇ بىنورمال ئەھۋال»، دېگەن. ئىزچىل ئەدلىيە مۇستەقىللىقىنى پەش قىلىدىغان مىسىر بۇ قېتىمقى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ ئەدلىيە مۇستەقىللىقى، ئادىللىقىنى ئىپادىلەپ، دۇنياغا مىسىر ئەدلىيەسىنىڭ نورماللاشقانلىقىنى جاكارلىيالايدۇ.

  ئۈچىنچى: سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرى بىلەن بولغان نورمال ئەنئەنىۋى دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. مۇبارەك ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە مىسىرنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ياخشى ئىدى. مۇبارەك تەخىتتىن چۈشكەندىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پادىشاھى ئابدۇللا ئامېرىكىنى «مۇبارەكنى تاشلىۋەتتى» دەپ ئەيىبلىگەن. سېسى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن بۇيان، سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرى مالىيە جەھەتتىن سېسىنى زور كۈچ بىلەن قوللىدى. پادىشاھ ئابدۇللا مىسىرغا مەخسۇس زىيارەتكە باردى. بۇ قېتىم مۇبارەكنىڭ جىنايىتىنى بېكار قىلىش مىسىرنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋىتىدىكى توسالغۇلارنى يوقىتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچەيتىدۇ.

  يىغىپ ئېيتتقاندا، خەلقئارا جەمئىيەت مىسىرنىڭ قاھىرە جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇ قېتىم مۇبارەكنى گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم چىقىرىشىنى تەھلىل قىلىپ، بۇ مىسىرنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىيات يولىنى تاللىشى ۋە ۋەزىيەت يۆلىنىشىگە تەسىر كۆرستىدۇ، دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر