- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شىنجاڭ ھەربىي رايونى ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەرگە مېھرى شەپقەت يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى
2014.12.04 09:11 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
1-دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ ئالى شۆبە ھەربىي رايونىدىكى پېنسىيىگە چىققان ياڭ جى شەرق ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ بىر ھۆددە ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ، ئالىنىڭ شىچەنخېدىن قەشقەرگە كەلدى. قەشقەر ئايرودرومىدا قىسقا ۋاقىت توختىغاندىن كېيىن، يۇرتى شىئەنگە ماڭدى. كەچتە ئۇ ئاتا ئانىسى بىلەن كۆرۈشتى. شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: شىجاڭدىكى ئېگىزلىكتە ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن نەچچە مىڭ پېشقەدەم ئەسكەر ئىچىدە ياڭ جىغا ئوخشاش يۇرتىغا قايتقاندا بىۋاسىتە قاينايدىغان ئاۋىياتسىيە مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولغانلار %95تىن ئاشىدۇ، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن پېشقەدەم ئەسكەرلەر قاتناش قۇلايلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلماقتا.
شىنجاڭ ھەربىي رايونىدىكى ئوفىتسېر ئەسكەرلەر 6700 كىلومېتىردىن ئارتۇق چېگرا لىنىيەسىنى قوغدايدۇ، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى قارلىق ئېگىزلىك، ياشاش تەس رايوندا تۇرىدۇ. ئىلگىرى ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن نۇرغۇن ئەسكەرلەر يۇرتىغا قايتىشتا ئاپتوموبىلدا ئولتۇرۇشقا، پويىز ئالمىشىشقا توغرا كېلەتتى، نەچچە كۈن يول يۈرگەندىن كېيىن، ئاندىن يۇرتىغا قايتالايتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ قاتناش تىرانسپورت ئىشلىرىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچىدىن خوتەن، ئالىدىن قەشقەر، قەشقەردىن شيەنياڭغىچە بولغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرى كەينى-كەينىدىن ئېچىلدى. بۇ يىل شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ قاتناش تىرانسپورت تارماقلىرى يەرلىكنىڭ قاتناش تىرانسپورت بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، نۆل ئارىلىقتا ئالمىشىشتەك مېھرى شەپقەت يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرنىڭ يۇرتىغا تېز قايتىشىغا ياردەم بەردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر