خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-دېكابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-دېكابىر چۈشتىن كېيىن سائەت 3دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، نەنجىڭن شەھىرى جىيەنكاڭ يولى بىلەن پىڭجىياڭفۇ يولىنىڭ ئېغىزىدا، بىر كراننىڭ ئاسما يەلكىسى تۇيۇقسىز چۈشۈپ كېتىپ، بالا يېتىلىۋالغان بىر ئايالنى بېسىۋالغان، ئايال نەق مەيداندا ئۆلۈپ، بالىسى يارىلانغان. يەنە بىر يولۇچى ئەرمۇ بۇ سەۋەبلىك جېنىدىن ئايرىلغان، نەچچە يولۇچى يارىلانغان. ،بىر قانچە ئاپتوموبىل يانجىلىپ كېتىلگەن. ھازىر بۇ يول قامال قىلىنغان.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى