باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>شى جىنپىڭ>>يىغىنلار

شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە مەركەزنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 7-قېتىملىق يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلەندى:

ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنى ئىدىيەدە ئازاد بولۇشقا، پائال ئىزدىنىشكە مەدەت بېرىش؛ ئىسلاھاتنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھىلەش بىلەن ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىزدىنىشىنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

لى كېچياڭ، ليۇ يۈنشەن، جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى

2014.12.03 17:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركەزنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 12-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مەركەزنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 7-قېتىملىق يىغىنى ئېچىلدى، ئۇ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىسلاھات- ئېچىۋىتىشنى تونۇش بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسۈتىشتىكى ھەر بىر قېتىملىق بۆسۈش ۋە تەرەققىيات خەلقنىڭ ئەمەلىيىتى ۋە ئەقىل پاراسىتىدىن كەلگەن. جايلار، ئاساسىي قاتلام، ئاممىنىڭ ئىدىيەدە ئازاد بولۇشىغا، پائال ئىزدىنىشىگە، ئوخشاشمىغان رايونلارنىڭ پەرقلىق سىناق نۇقتىسى قىلىشىغا مەدەت بېرىش، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىزىق نۇقتىلار، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىدىكى قىيىن نۇقتىلاردىن ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ نۇقتىسىنى تېپىشقا ماھىر بولۇپ، يۇقىرى قاتلاملىق لايىھىلەش بىلەن ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىزدىنىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ھەمتۈرتكە بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئورگانىك بىرلەشتۈرۈش كېرەك.

  «شىنجىڭ» گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر