دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان، جۇڭگو مىللەتلەر مۇزېيى ئۆز ئۈستىگە ئالغان 2014-يىللىق «رەڭدار جۇڭخۇا» تېمىسىدىكى جۇڭگو مىللىيچە كىيىم كۆرگەزمىسى 2014-يىلى 11-نويابىردىن 25-نويابىرغىچە ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېللاندىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن. شىنجاڭ سېرك ئۆمىكىنىڭ داڭلىق ياش ئارتىسى، چوڭ تىپتىكى مۇزىكىلىق سېرك ئويۇنى «سالام، نەسردىن ئەپەندىم» دىكى باش رولچى مۇھەممەتجان روزى بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر ئەزا بولۇش سۈپىتى بىلەن زىيارەت ئويۇنى ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، تەرەپلەرنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشىپ، 29-نويابىر ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەن.
مەمەتجان روزى 2014-يىللىق «رەڭدار جۇڭخۇا» كۆرگەزمە ۋە ئويۇن قويۇش ئۆمىكىگە ئەگىشىپ ئالدى – كەينى بولۇپ ئاۋسترالىيەنىڭ بىرىسبان، سىدنېي، شۇنداقلا يېڭى زېللاندىيەنىڭ پايتەختى ۋېللىنگتون قاتارلىق جايلاردا جۇڭگو مىللىيچە كىيىم مەدەنىيىتى ئويۇنى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەھۋالى كۆرگەزمىسى، ئېكسكۇرسىيە قاتارلىق بىر قاتار پائالىيەتلەرگە قاتناشقان. بۇنىڭ ئىچىدە بىرىسبان كىۋېنسلاند ئۇنىۋېرسىتېتى، ۋېللىنگتون ۋېكتورىيە ئۇنىۋېرسىتېتى، سىدنېي جۇڭگو مەدەنىيىتى مەركىزى قاتارلىق جايلاردا بەش مەيدان رەسمىي ئويۇن قويۇپ، سىدنېي-جۇڭگو مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ۋە «يىپەك يولى ــ يېڭىلىق يارىتىش يولى » كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۆرگەزمە ۋە ئويۇن قويۇش ئۆمىكىگە ئەگىشىپ، يېڭى زېللاندىيە دۆلەت مۇزېيى، بىرىسبان مۇزېيى، ئاۋسترالىيە سەنئەت سارىيى، ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇزېيى، ئاۋسترالىيە تۈرمە مۇزېيى قاتارلىق مەدەنىيەت ئاپپاراتلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغان.
بۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگونىڭ يېڭى زېللاندىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋاڭ لۇتوڭ 17-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن ئەلچىخانىدا مۇھەممەتجان روزى ۋە 2014-يىللىق «رەڭدار جۇڭخۇا» جۇڭگو مىللىيچە كىيىم كۆرگەزمە ۋە ئويۇن قويۇش ئۆمىكىنىڭ بارلىق ئەزالىرىنى قىزغىن كۈتۈۋالغان.
ئىگىلىنىشىچە، مۇھەممەتجان روزى 2011-يىلى « رەڭدار جۇڭخۇا » مىللىيچە كىيىم كۆرگەزمە ۋە ئويۇن قويۇش ئۆمىكى بىلەن بىللە ئامېرىكىغا بارغان، ئۇ « رەڭدار جۇڭخۇا » كۆرگەزمە ۋە ئويۇن قويۇش ئۆمىكىنىڭ پىشقان ۋە غوللۇق ئارتىسلىرىنىڭ بىرى ئىكەن . ئۇ بۇ قېتىملىق ئويۇنىدا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قىزغىن، خۇش چاقچاق، يۇمۇرىستىك، سەمىمىي خاراكتېرىنى نامايان قىلىپ، ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېللاندىيەدىكى تاماشىبىنلارنى تەسىرلەندۈرگەن، ئۇ مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مېھماندوست مىللەت ئىكەنلىكىنى پۈتۈن دۇنيا خەلقىگە تونۇتۇشنى، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ئورتاق گۈللىنىپ، ئىناق ماكان قۇرۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.