«مۇزىكىنىڭ دۆلەت چېگرىسى يوق ــــــ ئىسرائىلىيە دۆلەت سىمفونىيە ئوركېستىرى بىلەن دىلبەر يۈنۈس 2015-يىلى يېڭى يىللىق مۇزىكا كېچىلىكى» نىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى 2-دېكابىر بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ مەيدان يېڭى يىللىق مۇزىكا كېچىلىك 26-دېكابىر بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، ئىسرائىلىيە دۆلەت سىمفونىيە ئوركېستىرى بىلەن ئېلىمىزنىڭ يۇقىرى ئاۋازلىق ئايال ناخشىچىسى دىلبەر يۈنۈس بىرلىكتە JohannStrauss، بىتخوۋىن ۋە مېندېلسونلارنىڭ سىمفونىيەلىرىنى كۆپچىلىكنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنىدىكەن.