باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگودىن چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتقانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش كۆك تاشلىق كىتابىدا بۇلتۇر چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتقانلارنىڭ سانى ئوخشاش مەزگىلدىكى چەت ئەلگە ئوقۇشقا چىققانلارنىڭ سانىدىن 8 ھەسسە كۆپ بولغانلىقى كۆرسىتىلگەن

2014.11.28 14:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مائارىپ مىنىستىرلىقى 26-چېسىلا « جۇڭگودىن چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتقانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش كۆك تاشلىق كىتاب» نى ئېلان قىلدى، دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە 2013-يىلى چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتقانلار 353مىڭ 500 گە يېتىپ، شۇ يىللىق چەت ئەلگە ئوقۇشقا چىققانلار سانىنىڭ 85.41 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن.

  سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2013-يىلى دۆلىتىمىزدىن چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقانلارنىڭ سانى 413مىڭ 900گە يېتىپ، 2000-يىلدىكى 390 مىڭغا سېلىشتۇرغاندا 10 ھەسسە كۆپەيگەن. مائارىپ مىنىستىرلىقى چەت ئەلدە ئوقۇش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى سۈن جيەنمىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، چەت ئەلدە ئوقۇيدىغانلارنىڭ سانىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتقانلارنىڭ نىسبىتىمۇ تېز سۈرئەتتە ئاشقان، 2001-يىلىدىكى 14 پىرسەنتتىن ئېشىپ 2013-يىلدىكى 85.41 پىرسەنتكە يەتكەن، ئومۇملاشتۇرغاندا ۋەتەنگە قايتقانلارنىڭ سانى 2013-يىلى 50 پىرسەنتكە يېقىنلاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە ۋەتەنگە قايتقان 63 پىرسەنت ئادەم ماگىستىر ئۇنۋانىغا، 30 پىرسەنت ئادەم باكالاۋرلىق ئۇنۋانىغا، 6 پىرسەنت ئادەم دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئىگە ئىكەن. (جاۋ شياۋشيا خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر