پارتىيەنىڭ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات خىزمىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بىرلىكتە مىللىي رايونلاردىكى ھەر مىللەت ئوقۇرمەنلىرىگە قانۇنغا ئائىت كىتابلارنى سوۋغا قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، شىنجاڭ، شىزاڭ، چىڭخەي، گەنسۇ، يۈننەن، سىچۈەن، ئىچكى موڭغۇل، لياۋنىڭ، جىلىن، خېيلۇڭجياڭ، يەنبيەن قاتارلىق رايونلاردىكى ھەر مىللەت ئوقۇرمەنلىرىگە موڭغۇل، تېبەت، ئۇيغۇر، قازاق، چاۋشيەن ۋە خەنزۇ يېزىقىدىكى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى»نى ۋە بۇنىڭدىن باشقا قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش ئوقۇشلۇقلىرىنى سوۋغا قىلدى.
تۇنجى قېتىملىق دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنىدە، كىتاب سوۋغا قىلىش پائالىيىتىنىڭ باشلانغانلىقىنىڭ بەلگىسى بولغان «قانۇن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، قانۇن بىلەن باشقۇرۇلىدىغان جۇڭگو قۇرۇپ چىقايلى ــــــ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر مىللەت ئوقۇرمەنلىرىگە قانۇنغا ئائىت كىتابلارنى سوۋغا قىلىش مۇراسىمى» ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىن كەلگەن ئورۇنلارنىڭ ۋەكىللىرى كىتابلارنى تاپشۇرۇۋالدى. بۇ قېتىم سوۋغا قىلىنغان كىتابلار مىللەتلەر نەشرىياتى ۋە قانۇن نەشرىياتى نەشر قىلغان ئۇيغۇر، قازاق، موڭغۇل قاتارلىق ئۈچ ئاز سانلىق مىللەت يېزىقى ۋە خەنزۇ يېزىقدىكى 240 خىل، 52 مىڭ پارچە كىتاب بولۇپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى»دىن باشقا، يەنە بىر قىسىم قانۇن كىتابچىلىرىنى ۋە ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇرمەنلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان بىر قىسىم قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش ئوقۇشلۇقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.