بۇ كىتابلاردا قانۇن-نىزاملارنى ئىزاھلاپ چۈشەندۈرۈش بىلەن بىرگە، تۇرمۇشتا كۆپ ئۇچرايدىغان قانۇنىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش يوللىرى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ مىسال كەلتۈرۈش، رەسىملىك ئىپادىلەش قاتارلىق ئاممىباب ئۇسۇللار بىلەن كۆرسىتىپ بېرىلىپ، كىتابلارنىڭ ئوقۇشچانلىقى ۋە قوللىنىشچانلىقى ئاشۇرۇلغان، بۇ كىتابلار ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ قانۇنغا رىئايە قىلىش، قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدىشىنى زۆرۈر ياردەم بىلەن تەمىنلەيدۇ.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ئۈستىگە ئالغۇچى ئورۇن مىللەتلەر نەشرىياتى ۋە قانۇن نەشرىياتى ئۇزۇندىن بۇيان ئۆزلىرىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت تىل-يېزىقى بويىچە تەرجىمە ۋە نەشر قىلىش ۋە قانۇن كىتابلىرىنى مەخسۇس نەشر قىلىش جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۈچلۈكلەر بىرلىشىپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونىلىرىنىڭ قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتى خىزمىتىگە ئاكتىپ تۆھپە قوشۇپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشى ۋە ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.
دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ۋە ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى سىستېمىسى تۇرغۇزۇپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا جەمئىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۆپلىگەن خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. تۇنجى قېتىملىق دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنىدە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا قانۇنغا ئائىت كىتابلارنى سوۋغا قىلىش پائالىيىتى ئاساسىي قانۇن روھىنى جارى قىلدۇرۇش، قانۇن ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم تەدبىر بولۇپ، ھەر مىللەت ئوقۇرمەنلىرىنىڭ ئاساسىي قانۇن كۆز قارىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ قانۇن ئېڭىنى ئۆستۈرۈش، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ قانۇن-تۈزۈم قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلىتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
بۇ پائالىيەتنى ئۈستىگە ئالغۇچى ئورۇنلار يەنە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى پارتىيەلىك كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر چۈشىنىشىگە، باش شۇجىنىڭ مۇھىم ئىستىراتېگىيەلىك ئىدىيە ۋە مۇھىم نەزەرىيەۋى نوقتىئىنەزەرلىرىنى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئەمەلىي خىزمىتىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن ئۈچۈن، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى ئوقۇرمەنلەرگە ئاز سانلىق مىللەت يېزىقلىرىدىكى «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزلىرىنى ئۆگىنىش ئوقۇشلۇقى»نى سوۋغا قىلدى.