خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ(مەلىكەم) 3-دېكابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:28-نويابىر، 10مىڭغا يېقىن كۆڭلىگە ئارزۇ-ئارمانلارنى پۈككەن يىگىت «جۇڭگو يىگىتى»پروگراممىسىنىڭ شىمالىي مۇسابىقە رايونىنىڭ تاللاش يىغىنىغا يىغىلدى. ئۇيغۇر ماھىرىمىز شەۋكەت سەھنەدە ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل ئوينىدى، ئۇسۇلدىن كېيىن ئۆزىنىڭ كەسپى مودېللىقىنى نامايان قىلدى. سۆلەتلىك تاشقى قىياپىتى ئارقىلىق ، شىمالىي رايوننىڭ ئالدىنقى 12 كۈچلۈكىگە كىردى. ئۇ خىزمىتىنىڭ ئالدىراشلىقى تۈپەيلى مۇسابىقىگە كۆپ تەييارلىق قىلالمىغانلىقىنى، نۆۋەتتە ئارزۇسى ئۈچۈن ياخشى تەييارلىق قىلماقچى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. بىز ئۇنىڭ تېخىمۇ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى