خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۈن-سىن نەشرىياتى بۇ يىل نۇرغۇن كۈچ سەرپ قىلىپ «داڭلىق ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىدىن تاللانمىلار»تېمىسىدىكى ‹ئۈزۈلمەس كۈيلەر› ناملىق توپلامنى رەتلەپ ئۈنگە ئېلىپ، يېقىندا بازارغا سالدى. بۇ توپلام ئۇيغۇر خەلقىنىڭ داڭلىق ناخشىچىلىرى بولغان پاشا ئىشان، پاتەم قۇربان، داۋۇتجان ناسىر، ئابدۇۋەلى جاروللايوف قاتارلىق 12 ئاتاقلىق سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ ناخشىلىرى بولۇپ، 12 پىلاستىنكا، جەمىئىي 155 ناخشا. بۇ سەنئەتكارلىرىمىز ئىچىدىكى يەتتە سەنئەتكار بۇ دۇنيا بىلەن ۋاقىتسىز خوشلاشتى، لېكىن بىزگە قىممەتلىك خەلق ئاھاڭلىرىنى قالدۇرۇپ كەتتى. بۇ قىممەتلىك بايلىق بىزنىڭ قەدىرلىشىمىزگە، خاتىرە قىلىپ ساقلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.
مەنبە: خەلق تورى