باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ھايگىلنىڭ ئىستېپا بېرىش سەۋەبى ئاشكارىلاندى

2014.12.01 23:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكىنىڭ دۆلەت موداپىئە مىنىستىرى ھايگىل تۇيۇقسىز ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى، بۇ چەتئەللەردىكى كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ قىياسلىرىنى قوزغىدى. ئامېرىكا تاراتقۇلىرى 29-نويابىر، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ئالتە يىلدىن بۇيان، ئاق ساراي بىلەن بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ ئۇزاقتىن بۇيان ئەپ ئۆتمىگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى، ئوباما دىپلوماتىيە قارارلىرى جەھەتتە ئاق ساراينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسىگە ھەددىن زىيادە ئېتىبار بېرىپ كەتكەنلىكتىن، بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ پوزىتسىيىسى ئانچە قىزغىن بولمىغان، ھەر نۆۋەتلىك دۆلەت موداپىئە مىنىستىرى ئۆزلىرىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقىنى ھېس قىلغان. بۇمۇ ھايگىلنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشىدىكى ھەقىقى سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. ئوبامانىڭ 3-دۆلەت موداپىئە مىنىستىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھايگىلنىڭ دۆلەت موداپىئە مىنىستىرلىقىغا سايلىنىشىدىكى بىر قىسىم سەۋەب، ئۇ ئوبامانىڭ يىنىدىكى ئاق ساراي مەسلىھەتچىسىنى ھۆرمەتلىگەن. بىراق ئۇ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندىن كىيىن، ھايگىل ئاق ساراينىڭ مۇستەقىل ھۆكۈم قىلىپ ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بارغانسېرى ھېس قىلغان. ئۆتكەن بىر يىلدا، ئاق ساراي ئۇكرائىنا كرىزىسى، ئەسەبىي تەشكىلات بولغان «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ ھەرىكىتىگە ئىنكاس قايتۇرۇشى ئاستا بولغان، بۇنىڭدىن بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ رەھبەرلىرى قىيىن ئەھۋالدا قالغان، بۇمۇ ئىككى تەرەپنىڭ جىددىي مۇناسىۋىتىنى كەسكىنلەشتۈرۈۋەتكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر