باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى يېڭى تۈرلەرنى تەسس قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولدى

2014.12.01 23:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قارا قىشتا ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى جۈيىڭ پاختىچىلىق شىركىتىنىڭ كېيىم تېكىش سىخىغا كىرسىڭىز كېيىم تېكىش ماشنىلىرىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايسىز. زۈمرەت مۇھەممەد كېيىم تېكىش ماشىنسىنىڭ ئالدىدا ئىككى قولى بىلەن رەختلەرنى تېزلىكتە ھەرىكەتلەندۈرۋاتاتتى، ھەش پەش دېگۈچە بىر چاپان تەييار بولدى. ئۇ« ھازىر پراكتىكا ۋاقتىم، ھەر ئايدا 2مىڭ يۈەن مائاش بېرىدۇ، ياتاق تامىقىمنى كۆتۈرىدۇ، پىراكتىكا ۋاقتىم ئاياقلاشقاندىن كېيىن، ئىشلىگەن ئىشىمغا قاراپ مائاش ئالىمەن، ھېسابلاپ باقسام ئايدا 5مىڭ يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلىدىكەنمەن، دېدى.

  بۇ يىل جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاقسۇ ۋىلايىتى يەرلىكنىڭ كەسىپ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا رۇشەن تۈرتكە بولىدىغان 54 تۈرىنى يولغا قويدى، ئومۇمىي مەبلەغ سوممىسى ئىككى مىليارد 370مىليون يۈەن بولۇپ، 30مىڭدىن ئارتۇق ئىش ئورنى ياراتتى.

  ئاقسۇ ۋىلايىتى يەرلىكنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئەڭ زور چەكتە تۈرتكە بولدى. مۇشۇ ئاساستا ھۆكۈمەت تارماقلىرى بازىرى، سېتىش يولى بار قول ھۆنەرۋەنچىلىك كارخانىلىرىنى ھەمكارلىق كوپراتىپى قىلىپ تەشكىللەشكە يىتەكچىلىك قىلىپ، تەشكىللىك تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، رىقابەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى، ھەر قايسى ناھىيەلەردە خەلق تۇرمۇشى سانائەت باغچا رايونى قۇرۇپ، ئىگىلىك تىكلەش بازىسى ۋە يېتىشتۈرۈش بازىسى بەرپا قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر