باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەت بويىچە مىللىي سودا مىللىي بۇيۇملار كارخانىسى قۇرۇلۇشى باشلاندى

2014.12.02 16:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، مەملىكەت بويىچە مىللىي سودا مىللىي بۇيۇملار كارخانىلىرىنىڭ «مىڭ كارخانا يۈز كارخانىنى يېتىشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش» قۇرۇلۇشى باشلاندى ھەمدە 2014-يىللىق مىللىي سودا خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ نەننىڭ شەھىرىدە ئېچىلدى. يىغىندا پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنى ۋە مەركەزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى ۋە ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەملىكەت بويىچە مىللىي سودا ۋە مىللىي ئالاھىدە ئىھتىياجلىق تاۋارلارنى نىشانلىق ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ مىڭ كارخانا يۈز كارخانىنى يېتىشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى، يېڭى ۋەزىيەتتىكى مىللىي سودا مىللىي بۇيۇملار خىزمىتى تەتقىق قىلىندى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  مىللىي سودا ۋە مىللىي ئالاھىدە ئىھتىياجلىق تاۋارلارنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەشكە مەدەت بېرىش- مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، چېگرا مۇداپئەسىنى مۇستەھكەملەش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ۋە مىللىي رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئەھمىيەتكە ئىگە. مەركەزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، خىزمەت ئۇسۇلى ۋە ئاساسىي گەۋدىسىدە يېڭىلىق يارىتىش ئۈچۈن، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ئۈچ يىل ئىچىدە پۈتۈن مەملىكەت تەۋەسىدە 1000 مىللىي سودا مىللىي بۇيۇملار كارخانىسىنى نۇقتىلىق تەربىيەلەپ، ئۇنىڭدىن تاللاپ 100 مىللىي سودا كارخانىسى، 100 مىللىي بۇيۇم كارخانىسىنى نۇقتىلىق يۆلەپ، تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ئىقتىسادىي تەرەققىيات مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى لې چاڭخۇڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتە ۋە بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە مىللىي سودا خىزمىتىدە پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-،4-ئومۇمىي يىغىنىلىرى ھەمدە مەركەزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، «ئىككى ئورتاقلىق» مىللەتلەر خىزمىتى باش تېمىسىنى پۇختا ئىگىلەپ، دۆلەتنىڭ ماكرولۇق سىياسىتىنى تەڭشەش ۋە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا پائال ماسلىشىپ، ئىسلاھاتتا داۋاملىق يېڭىلىق يارىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مىللىي سودا ۋە مىللىي ئالاھىدە ئىھتىياجلىق تاۋارلارنى ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، تەرەققىياتقا تىرەك بولۇش ۋە ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم رولىنى جارىي قىلدۇرۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر