باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەدەنىيەت- سەنئەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەدەبىيات- سەنئەت خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگەندى

2014.12.02 23:52         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەدەنىيەت- سەنئەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى تۈنۈگۈن شىنجاڭ مۇقام ئانسامبىلىغا جەم بولۇپ، بىرلىكتە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەدەبىيات- سەنئەت خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگەندى ۋە كەڭ كۇشادە پىكىر ئالماشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى شۆجۈن سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە «ئەدەبىيات- سەنئەت خىزمەتچىلىرى دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىپ، خەلقنىڭ ئىھتىياجىنى ئىگىلەپ، خەلق ئۈچۈن يېزىپ، خەلققە مۇھەببەت باغلاپ، خەلق ئۈچۈن بايان قىلىپ، خەلق ياقتۇرىدىغان مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى تېخىمۇ كۆپلەپ ئىجاد قىلىشى كېرەك» دەپ، ئوتتۇرىغا قويدى.

  شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئوپىرا ئۆمىكى يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، خەلقنى ئاساس قىلىپ، ئىجادىيەتنى كۈچەيتىپ، «ئۇنىڭ ئىككى خوتۇنى يوق»، «توردىكى مۇھەببەت»، «غۇنچەم» قاتارلىق سەھنە ئەسەرلىرىنى ئىشلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەدەبىيات- سەنئەت خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا «خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، خەلقنىڭ ئەدەبىيات- سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى، دەرىجىسى، ئۇسلۇبى قاتارلىقلارغا بولغان تەلىپى تېخىمۇ ئۆستى. ئەدەبىيات- سەنئەت خىزمەتچىلىرى تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق، جانلىق كارتىنا، گۈزەل مىلودىيە، تەسىرلىك ئوبراز ئىجادىيىتى ئارقىلىق خەلق ياخشى كۆىدىغان نادىر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، خەلقنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈش كېرەك» دېگەن ئېدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان «ئەدەبىيات- سەنئەت ئىجادىيىتىنىڭ ئاساسلىق ئۇسۇلى خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىش، تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈش» دېگەن سۆزلىرى شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى سېرىك ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ئەنۋەر مۇھەممەتنى چوڭقۇر ئويغا سالدى.

  كۆپچىلىك بىردەك، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، خەلقنى مەركەز قىلىپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش، ئاساسى قاتلامغا، تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈش، نادىر ئەسەرلەرنى كۆپلەپ يارىتىش ئارقىلىق، خەلقنىڭ كۈندىن كۈنگە ئىشىپ بېرىۋاتقان مەنىۋى ئىھتىياجىنى قامداش قاتارلىق مەزمۇنلار ئوستىدە ناھايىتى ئەتراپلىق سۆھبەتلەشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر