خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-دېكابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:شۇ يەر ۋاقتى 30-نويابىر،تايلاندنىڭ لوپ بۇرى شەھىرىدە ، يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلدىغان مايمۇنلار تاللا تاماق بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ بايرام ھەر يىل 11-ئاينىڭ ئەڭ ئاخىرقى يەكشەنبىسىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ بايرام يەرلىكنىڭ ساياھەتچىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن. مايمۇنلارنىڭ ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن، تەخمىنەن 2 توننىلىق مېۋە-چېۋە، كۆكتات، پېچىنە، قەنت-گېزەك ۋە گازلىق سۇ تەييارلىنىپ ، مايمۇنلارغا زىياپەت بېرىلدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى