باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەت بويىچە قۇرۇلغان ئاخبارات ئەخلاقى كومىتېتى سىناق ئۆلكىسى شەھىرى ۋە ئاپپاراتى 16 غا يەتتى

2014.12.02 16:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2014-يىلى 4-نويابىر، جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ ئاخبارات ئەخلاقى كومىتېتى نەنچاڭدا قۇرۇلدى. بۇنىڭ بىلەن مەملىكەت بويىچە ئاخبارات ئەخلاقى كومىتېتىدىكى سىناق ئۆلكە، شەھەر ۋە ئاپپارات 16 غا يەتتى. ئاخبارات ئەخلاقى كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ئادەتتە 20 ئەتراپىدا بولۇپ، ئاخبارات ساھەسىدىكى ۋەكىل ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىن تەركىب تاپقان، «مەلۈم قىلىنغانلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، جازالاش ۋە تىزگىنلەشكە يېتەكچىلىك قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش» ھەر قايسى ئۆلكىلىك ئاخبارات ئەخلاقى كومىتېتلىرىنىڭ گەۋدىلىك خىزمەت تەپپەككۈرى، ئاممىنىڭ مەلۈماتىنى قۇبۇل قىلىش، ئاخباراتتىكى ئەخلاقسىزلىق ھەرىكەتلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قاتارىدا چىڭ تۇتىلىدۇ. «جۇڭگو مۇخبىرلار جەمئىيىتى ئاخبارات ئەخلاقى كومىتېتىنىڭ خارتىيىسى لايىھىسى» ۋە « ئۆلكە 1- دەرىجىلىك ئاخبارات ئەخلاقى كومىتېتىنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇش لايىھىسى» گە ئاساسەن، ھەر قايسى ئۆلكىلەر تۈزۈم تۇرغۇزۇش خىزمىتىنى تاماملاپ، باھالاش، ماسلاشتۇرۇش، مەلۈم قىلىش، سۈرۈشتۈرۈش، ۋە نازارەت قىلىش قاتارلىق تۈزۈملەرنى دەسلەپكى قەدەمدە ئورناتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر