باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەت بويىچە 28 مىڭ يېزا ۋە 50 مىڭ گۇرۇپپا يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى تاماملىدى

2014.12.03 00:00         مەنبە: مەركىزى تېلېۋىزىيە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇئاۋىن يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى چېن شياۋخۇا گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى تەشكىللىگەن يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتى تەتقىقات سۆھبىتى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2013-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە 28 مىڭ كەنت ۋە 50 مىڭ گۇرۇپپا يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى تاماملىدى. مۇخبىرنىڭ يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىدىن ئۇقىشىچە، مەملىكەت بويىچە 587 مىڭ يېزا ۋە 4 مىليون 972 مىڭ گۇرۇپپا ئىچىدە، يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى تاماملىغان كەنت ۋە گۇرۇپپىنىڭ مىقدارلىق مۈلكى 436 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە يېتىپ، پايدىسى 156 مىليارد 300 مىليون يۈەن بولغان، 2013-يىللىق پايدىسى 30 مىليارد يۈەنگە يەتكەن.

  يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتى كوللېكتىپ ئىگىلىك تەشكىلاتى دېھقانلارنىڭ كوللكېتىپ ئىگىدارلىقىدا چىڭ تۇرۇش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا كوللېكتىپ مۈلۈكنى پايغا مىقدارلاشتۇرۇپ ئادەم بېشىغا تەقسىم قىلىپ، دېھقانلارنىڭ ئورتاق مۈلۈك ھوقۇقىنى دېھقانلارنىڭ ئۈلۈشلۈك تەڭ بەھرىمان بولىدىغان مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىپ، دېھقانلارنى كوللېكتىپ مۈلۈكنىڭ پايدىسىدىن بەھرىمان قىلىدىغان يېزا ئىقتىسادىي تۈزۈمىدىكى يېڭىلىق يارىتىش.

  چېن شياۋخۇا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دېھقانلارنىڭ پاي ھەسسىدارلىق ھەمكارلىقىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ مۈلۈك ھەسسدارلىق ھوقۇقىنى ئىسلاھ قىلىش- پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قارارىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئېنىق ۋەزىپە. جايلارنىڭ ئەمەلىيىتىدىن قارىغاندا، بۇ ئىسلاھات دېھقانلارنىڭ مالىيە خاراكتىرلىك كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىدۇ؛ مۇھىم يوشۇرۇن ئىقتىدارنى قوزغىتىشقا پايدىلىق بولۇپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ دېھقانلارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا پايدىلىق بولۇپ، يېزىلارنى تىزگىنلەش قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر