باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك

2014.12.02 23:54         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 8 - ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھى ھەققىدە يەشمە (2)

  لى شىڭ

  ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 8 - ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى زىچ چۆرىدەپ، قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك، دەپ كۆرسىتىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى، شىنجاڭ مەمۇرىيەت ئىنستىتۇتىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى مو جېنجياڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە، نىزام چىقىرىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش مۇھىم ئالدىنقى شەرت، شۇنداقلا ئاساسنى چىڭىتىدىغان تەدبىر. قانۇن ئىدارە قىلىش دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ ئاساسىي ئۇسۇلى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسىي يولى ۋە مۇھىم كاپالىتى شۇنىڭدەك مۇھىم ئاساسىي قانۇن پىرىنسىپىدۇر.

  مو جېنجياڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى ساقلاشتىكى ئاساسىي جەڭگاھ بولۇش سۈپىتى بىلەن، قانۇن چىقىرىش خىزمىتىگە بولغان تونۇشنى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت باش نىشان ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈشى، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرگەن ئاساستا، نىزام چىقىرىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ، نىزام چىقىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، نىزامنى ئىلمىي چىقىرىش، دېموكراتىك چىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى، بولۇپمۇ مۇھىم ساھەلەردە نىزام چىقىرىشنى كۈچەيتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە زەربە بېرىش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق مۇھىم ئىشلارنى چۆرىدەپ، نىزام چىقىرىشنى ئالدىن يولغا قويۇش، ئالدىن سىناشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ھازىر قانات يايدۇرۇلغان زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە قانۇن بويىچە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى كۈچلۈك قانۇن مەدىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەلق تۇرمۇشىنى ئاساس قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ قاتارلىق جەھەتلەردە قانۇن چىقىرىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىشى كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى نىزام چىقىرىشتىكى يېتەكچىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، نىزام چىقىرىش لايىھەسى تۈزۈش، ئىسپاتلاش، ماسلاشتۇرۇش ۋە قاراپ چىقىش تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشى، نىزامنى ئىلمىي چىقىرىش ۋە دېموكراتىك چىقىرىش مېخانىزم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يەرلىكنىڭ نىزام چىقىرىشتىكى قاراتمىلىقى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇنى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرۇشى، خەلقنى قانۇن ئىدارە قىلىشتىن تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەتكە ئېرىشتۈرۈشى كېرەك.

  مو جېنجياڭ مۇنداق دېدى: ھازىر، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى ئاساسلىق ۋەزىپە شۇنىڭدەك شىنجاڭنىڭ قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىش. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان نىزاملارنى تېز تۈزۈپ، دىنىي ئىشلارنى باشقۇرىدىغان قانۇن - نىزاملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى تەتقىق قىلىپ ۋە تۈزۈپ، ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش››، ئالاقە تورىنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا ئائىت ئۈن – سىن پىروگراممىلىرىغا زەربە بېرىشكە دائىر نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قانۇن بويىچە قوغداش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش، مىللەتلەر ئارا ئالاقە، بېرىش – كېلىش، سىڭىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسىي تاكتىكىسى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ رايون ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشى يولىدا مېڭىش كېرەك.

  مو جېنجياڭ مۇنداق دېدى: قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇشنى نىشان قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىم قارارلىرىنىڭ قانۇنلۇق بولغان - بولمىغانلىقىغا قاراپ چىقىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، قانۇن ئىجرا قىلىشنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئاپپارات، فۇنكسىيە، ھوقۇق دائىرىسى، تەرتىپ، مەسئۇلىيەتنىڭ قانۇن بويىچە بەلگىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلغىلى بولىدۇ. قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيەتنى چوقۇم ئادا قىلىش، قانۇن بويىچە ئېنىق ھوقۇق بېرىلمىسە يۈرگۈزمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىش، قانۇن بويىچە قارار چىقىرىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ، قانۇننى قاتتىق، قېلىپلىق، ئادىل، مەدەنىي ئىجرا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەمۇرىي ھوقۇقنى چەكلەش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش ، ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك.

  مو جېنجياڭ مۇنداق دېدى: قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە، قانۇن يۈرگۈزۈشتە ئادىل بولۇشمۇ ناھايىتى مۇھىم. قانۇن يۈرگۈزۈشتە ئادىل بولۇش تۆۋەن چېكىدە چىڭ تۇرۇپ، قانۇن يۈرگۈزۈش ئىناۋىتىنى ئۆستۈرۈش، خەلق سوت مەھكىمىلىرى ۋە خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ ھوقۇقنى قانۇن بويىچە مۇستەقىل، ئادىل يۈرگۈزۈشىنى قوللاپ، قانۇن يۈرگۈزۈشتە قاتتىق بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە قاتنىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، قانۇن يۈرگۈزۈشكە دائىر ھەر بىر دېلودا خەلققە ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىش كېرەك. قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى ۋە ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ئىجتىمائىي كۈچلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاش، ئىجتىمائىي مەنپەئەتنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنى تەڭشەش، ئىجتىمائىي ھەرىكەتلەرنى قېلىپلاشتۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش، قانۇن ئىدارە قىلىشنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ، دىن ئىناقلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئۇل تېشىغا ئايلاندۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كۈچلۈك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  مو جېنجياڭ مۇنداق دېدى: ‹‹بىرگە قارشى تۇرۇش، ئىككىگە ئەھمىيەت بېرىش›› قانۇن ئىدارە قىلىدىغان شىنجاڭ قۇرۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئەمەلىيىتى، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ماس كېلىدىغان زامانىۋى ئىدىيە. يېڭى ۋەزىيەتتە ‹‹بىرگە قارشى تۇرۇش، ئىككىگە ئەھمىيەت بېرىش›› تونۇشىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ، قانۇن ئىدارە قىلىش ئېڭى ۋە تەرتىپ ئېڭىنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەتتە زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش، قانۇن ئىدارە قىلىش، تەرتىپكە بويسۇنۇشتەك ياخشى كەيپىيات شەكىللەندۈرۈش كېرەك. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت پارتىيەلىك كادىرلار قانۇننى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، قانۇنغا ئۈلگىلىك رىئايە قىلىشى، ھوقۇقىدىن قانۇنسىز پايدىلانماسلىقى، سۆزنى قانۇن ئورنىغا قويماسلىقى، ھوقۇق ئارقىلىق قانۇننى باسماسلىقى، شەخسىي غەرەز بىلەن قانۇننى بۇزماسلىقى، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان شىنجاڭ قۇرۇشنى ئاڭلىق ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر