- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


مەملىكىتىمىزنىڭ شەرقىدىكى رايونلاردا بوران چىقىپ، تېمپېراتۇرا چۈشتى
2014.12.02 23:59 مەنبە: مەركىزى تېلېۋىزىيە تورى
مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى تارقاتقان ئۇچۇرغا قارىغاندا ، سوغۇق ئېقىمنىڭ تەسىرىدە 1-دېكابىر مەملىكىتىمىزنىڭ ئوتتۇرا ۋە شەرقىدىكى كۆپ قىسىم رايونلاردا بوران چىقىپ ، تېمپېراتۇرا 6 سېلتسىيە گىرادۇستىن 10 سېلتسىيە گىرادۇسقىچە تۆۋەنلىگەن . سەھەر سائەت 5:00 ئەتراپىدا ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونلىرى ، شىمالىي جۇڭگو ، خۇاڭخې ، خۈەيخې دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى رايونلار ۋە شەرقىي شىمالدىكى رايونلارنىڭ غەربىدە تېمپېراتۇرا سەككىز سېلتسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا چۈشكەن .
1-دېكابىر پايتەخت بېيجىڭدىمۇ تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن بولۇپ ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 1 سېلتسىيە گىرادۇس بولغان .
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر