باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش دەۋرنىڭ چاقىرىقى

2014.12.02 23:55         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  -ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 8-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھى ھەققىدە يەشمە (1)

  ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 8 - ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسىي تاكتىكىسى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ رايون ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشى يولىدا مېڭىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  مەركەزنىڭ 2 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاق - مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈش ئومۇمىي ئىستراتېگىيەسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىلدى. شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاق - مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈش ئۆزئارا باغلىنىشلىق ئورگانىك گەۋدە، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئاساس ۋە ئالدىنقى شەرت بولۇپ، يېتەكلەش ۋە كاپالەتلىك قىلىش رولىنى ئوينايدۇ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم نېگىزى.

  شىنجاڭنىڭ مۇرەككەپ رايون ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ باشلىقى گاۋ جيەنلۇڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسىي تاكتىكىسى قىلىشنىڭ ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيىتىنى يېشىپ بەردى.

  جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئۆلچىمىنى بېكىتىش كېرەك

  گاۋ جيەنلۇڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭغا نىسبەتەن شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ تەلىپى، دەۋرنىڭ چاقىرىقى، شىنجاڭنىڭ ھازىرقى مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ۋە ئۇزاق كەلگۈسى تەرەققىياتقا ماسلىشىشتا شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى يولغا قويۇش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلاشقان چېگرا رايون بولۇپ، ۋەتەننىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى؛ يەنە كۆپ مىللەت، كۆپ دىن، كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت يىغىلغان رايون بولۇپ، نۇرغۇن مەسىلە ئۆز ئارا گىرەلەشكەن. ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ئۈچۈن، جەزمەن ئاساسىي قانۇن بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئاساسىي قانۇن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇننىڭ ئىززەت - ئابرۇيىنى قوغداپ، ئاساسىي قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. گاۋ جيەنلۇڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن ئالدىدا ھەممە كىشى باپباراۋەر بولۇشتا قەتئىي چىڭ تۇرغاندىلا، ئاندىن بىرلىككە كەلگەن ئۆلچەم بېكىتىپ، مىللەت، دىن قاتارلىق ئامىللارغا چېتىلىدىغان ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ.

  گاۋ جيەنلۇڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىتتىپاق، ئىناق، گۈللەنگەن، باي، مەدەنىيەتلىك، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.

  ‹‹ئاز ساندىكى مۇھىم كىشىلەر›› ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك

  گاۋ جيەنلۇڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كىشىلەردىن ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئېنىق بىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتنى ئېنىق بىلىشتە ئىككى مۇھىم كىشىلەرتوپى بار. بىرىنچىسى، رەھبىرىي كادىرلاردىن ئىبارەت ‹‹ئاز ساندىكى مۇھىم كىشىلەر››، ئۇلار جەمئىيەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش مۇساپىسىدە تۈرتكىلىك ۋە ئۈلگىلىك رول ئوينايدۇ، بەلكىم بۇ ئەكسىچە رول ئوينىشىمۇ مۇمكىن، شۇنىڭ ئۈچۈن شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان شىنجاڭ قۇرۇشنىڭ ‹‹ئاز ساندىكى مۇھىم كىشىلەر››نىڭ ئىجابىي يېتەكلەش، باشلامچىلىق قىلىش، تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلىشنى، ھوقۇقنىڭ ئاشكارا يۈرگۈزۈلۈشى، پۇقرالارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنىڭ دەخلى - تەرۇزگە ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەكىتلەش كېرەك؛ ئىككىنچىسى، ئامما، يەنى ھوقۇق يۈرگۈزۈشنى ئويلاپ، مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمايدىغان ئاز ساندىكى كىشىلەر شۇنىڭدەك ‹‹دىنغا ئىشىنىپ قانۇنغا ئىشەنمەيدىغان›› ئەسەبىيلەر، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان شىنجاڭ قۇرۇش ئارقىلىق ‹‹قانۇن دېگەن قەغەز يۈزىدىكى ئەخلاق، ئەخلاق كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى قانۇنغا ئايلىنىشى كېرەك›› دېيىشنى كۆپچىلىكنىڭ ئادەم بولۇش، ئىش قىلىش مىزانىغا ئايلاندۇرۇش، ئومۇمىي خەلق قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان ياخشى كەيپىيات شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  رېئال مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا تايىنىش كېرەك

  گاۋ جيەنلۇڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما كۆپ نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ. دىننىڭ جەمئىيەتكە كۆرسىتىدىغان تەسىرى چوڭ، قىسمەن جايلاردا دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشى ئېغىر، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا ئاممىنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش ئېڭىنى كۈچەيتكەندىلا، ئاندىن مەركەز ئوتتۇرىغا قويغان قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى چەكلەش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش، سىڭدۈرمىچىلىككە تاقابىل تۇرۇش، جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە زەربە بېرىش تەلىپىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىننى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە لايىقلىشىشقا يېتەكلىگىلى بولىدۇ.

  شىنجاڭنىڭ زېمىنى كەڭ، رايونلار ئارا تەرەققىيات پەرقى زور، مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە ساقلانغان مەسىلىلەر گەۋدىلىك. بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا قانۇن ئىدارە قىلىشقا تايىنىش كېرەك. گاۋ جيەنلۇڭ مۇنداق دېدى: قانۇن ئىدارە قىلىشقا تايانغاندا، ئاندىن مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈش بىلەن پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلىشنىڭ بىردەكلىكى؛ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش بىلەن پۇقرالارنىڭ مەجبۇرىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشنىڭ بىردەكلىكى، ھۆكۈمەت ئەمىر – پەرمانلىرىنىڭ بىردەكلىكى، بازارنىڭ بىردەكلىكىنى ساقلىغىلى بولىدۇ، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ھەقىقىي قوغداپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى ئۈنۈملۈك بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئىجتىمائىي مەنپەئەتنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنى تەڭشەپ، ئىجتىمائىي ھەرىكەتلەرنى قېلىپلاشتۇرغىلى بولىدۇ.

  قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى ۋە ئۇسۇلى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ

  گاۋ جيەنلۇڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىيات سەۋىيەسى تۆۋەن بولۇش، خىزمەت ئاساسى ئاجىز بولۇش، قىسمەن كادىرلارنىڭ خىزمەت ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش زۆرۈر بولۇشتەك رېئال مەسىلىلەرنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ، تەرتىپ ئېڭى، زامانىۋىلىق ئېڭىنى جەزمەن قانۇن ئىدارە قىلىشقا تايىنىپ كۈچەيتىش كېرەك، ئەمەلىيەتتە جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەريانى قانۇن ئىدارە قىلىش جەريانىدۇر.

  گاۋ جيەنلۇڭ مۇنداق دېدى: تەپەككۇر يولىنى ئايدىڭلاشتۇرغاندىن كېيىن، ھازىرقى ئەڭ تەخىرسىز مەسىلىدىن باشلاپ ھەل قىلىش كېرەك. مەسىلەن: شىنجاڭدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە قارىتا، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرغاندىلا، ئاندىن كۆپ ساننى ئىگىلەيدىغان ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئاممىغا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بېرىپ، قانۇننى ھۆرمەتلەيدىغان قىلغىلى بولىدۇ. ئاز ساندىكى دۈشمەن كۈچلەرنى ئەڭ زور دەرىجىدە يېتىم قالدۇرۇپ ۋە ئۇلارغا زەربە بېرىپ، زوراۋان - تېررورچىلارنى تېگىشلىك جازاغا تارتقىلى بولىدۇ.

  گاۋ جيەنلۇڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغان يېرىم يىلدىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك سىياسىي – قانۇن ئورگانلىرى قانۇن بويىچە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىشنى بىرىنچى مىزان قىلىپ كەلدى. مانا بۇ قانۇن ئىدارە قىلىشنى قەتئىي يولغا قويۇپ، خەلقنىڭ مەنپەئەتى، ئىجتىمائىي ئادىللىقنى ھەقىقىي قوغداش جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئەمەلىيىتىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاممىنىڭ قانۇن ئېڭىنى كۈچەيتىپ، كۆپچىلىكنى كۆزىنى يوغان ئېچىپ، ھەق – ناھەقنى ئېنىق ئايرىشقا يېتەكلەش كېرەك.

  گاۋ جيەنلۇڭ مۇنداق دېدى: قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىدا ئالاھىدە بولۇۋېلىشقا يول قويۇلمايدۇ. رايون ئەھۋالى قانچە مۇرەككەپ، ۋەزىپە قانچە قىيىن بولغانسېرى، قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى شۇنچە شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش، مۇقىم قىلىشنىڭ كۈچلۈك كاپالىتىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. 

  ياۋ تۇڭ، فېڭ جىن، جاڭ لېي

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر