باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

باش شۇجىنىڭ ئۈمىدىنى قەتئىي يەردە قويمايمەن

2014.12.02 23:55         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  داشى كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ساۋۇر مەڭلىك كەنتىدىكىلەرگە بېيجىڭدىن خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلدى

  لى داۋجۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ شىڭپىڭ يېزىسى داشى كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ساۋۇر مەڭلىك كەنتكە قايتىپ كېلىشىگىلا كەنتتىكىلەر ئۇنى ئورۇۋېلىشتى. شىڭپىڭ يېزىلىق پارتكومدىن پېنسىيەگە چىققان كادىرى بولسىمۇ، ھېلىھەم داشى كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ساۋۇر مەڭلىك ‹‹مەملىكەتلىك دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلار ئىچىدىكى ئىلغار شەخس›› بولۇپ باھالاندى. ئۇ 26 - نويابىر بېيجىڭدا مۇكاپاتلانغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇنى قوبۇل قىلدى.

  ساۋۇر مەڭلىك بۇ يىل 22 - مايدا باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، داشى كەنتىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئارا ئىناقلىقى، كەنتنىڭ ئامانلىقى قاتارلىق جەھەتلەردە ئىلگىرىلەش بولغانلىقىنى دوكلات قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ 16 - سېنتەبىر ئۇنىڭغا ۋە داشى كەنتىدىكىلەرگە جاۋاب خەت يېزىپ، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىدىن يۇرتداشلارنى خۇددى ماگنىتتەك زىچ ئۇيۇشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى ھەم يۇرتداشلارنىڭ كۈنلىرىنىڭ كۈنسايىن ياخشىلىنىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

  ساۋۇر مەڭلىك 1982 - يىلى كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىقىنى ئۈستىگە ئالغاندىن بۇيان، كەنتتىكىلەرنى يېتەكلەپ، زور غەيرەت بىلەن نامرات، ئارقىدا قالغان كەنتنى ‹‹مەملىكەت بويىچە ئىلغار كەنت - بازار››، ‹‹مەملىكەت بويىچە ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتىكى چولپان كەنت›› ۋە ‹‹مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك كوللېكتىپ››قا ئايلاندۇردى. ساۋۇر مەڭلىك 2010 - يىلى دېكابىردا شىڭپىڭ يېزىلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىق ئورنىدىن پېنسىيەگە چىققان بولسىمۇ، 2011 - يىلى كەنت بەنزىسى ئالماشقاندا، كۆپ ئاۋاز بىلەن يەنە بىر قېتىم كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىقىغا سايلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ يەنە كەنت كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىنىمۇ قوشۇمچە ئۆتىدى. ئەينى چاغدا، ساۋۇر مەڭلىك 62 ياشقا كىرىپ قالغان بولسىمۇ، زېھىن - قۇۋۋىتى يەنىلا ئۇرغۇپ تۇراتتى.

  ساۋۇر مەڭلىك ئۆزىنىڭ مول تەجرىبىسى ۋە ئابرۇي جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ‹‹قىزىل داشى››، ‹‹داڭلىق داشى››، ‹‹رەقەملىك داشى›› قاتارلىق نەچچە يۈرۈش ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات بىرىكمە لايىھەسى تۈزۈپ، كەنتنىڭ كەسىپ تىپىنى ئۆزگەرتىشنىڭ يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، كەنتنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدىغان ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىنى كۆپ مەنبەلىك تەرەققىيات يولىغا يۈزلەندۈرۈپ، كەنتنىڭ 2 - ، 3 - كەسىپتىن قىلغان كىرىمىنى%40تىن ئاشۇرۇپ، كەنتتىكىلەرگە يېڭى بېيىش يولى ھازىرلاپ بەردى. 2013 - يىلى، داشى كەنتىنىڭ كوللېكتىپ ئومۇمىي مۈلۈكى 29 مىليون 500 مىڭ يۈەنگە، كوللېكتىپ ئىقتىسادىي ساپ كىرىمى 3 مىليون 160 مىڭ يۈەنگە، كىشى بېشى ساپ كىرىمى 23 مىڭ يۈەنگە يەتتى. داشى كەنتىنىڭ كوچىلىرىدا، رەت - رەت سېلىنغان چىرايلىق ئۆيلەر، يېپيېڭى ئائىلە ئاپتوموبىللىرى، بەخت چاقناپ تۇرغان خۇش چىرايلار كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ.

  ساۋۇر مەڭلىك ئۆزىنى ئورۇۋالغان يۇرتداشلىرىغا: سىلەرگە رەھمەت، كۆپچىلىك قوللىغاچقا مەن بۇ شەرەپكە ئېرىشەلىدىم. مەن بېيجىڭدا كەنتىمىزنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق تەرەپلەردە يېقىندىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى باش شۇجىغا دوكلات قىلدىم، باش شۇجى ئاڭلاپ ناھايىتى خۇشال بولدى، دېدى.

  كەنت ئاھالىسى مەمەت: ساۋۇر شۇجىنىڭ شان - شەرىپى كەنتىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ شان - شەرىپى، دېدى.

  ساۋۇر مەڭلىك شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن تېخىمۇ غەيرەتكە كەلگەنىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن ئۆزۈمنىڭ مول تەجرىبەم ۋە ئابرۇي جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىمنى جارى قىلدۇرۇپ، كەنتتىكىلەر بىلەن بىرلىكتە باش شۇجى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا بولغان رەھمىتىمنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرى ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشنى ھېس قىلدۇرىمەن، باش شۇجىنىڭ ئۈمىدىنى قەتئىي يەردە قويمايمەن. 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر