باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان شىنجاڭ قۇرۇش توغرىسىدىكى پىكرى» ھەققىدە ئىزاھات

2014.12.02 23:58         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جاڭ چۈنشيەن

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، تۆۋەندە «‹ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان شىنجاڭ قۇرۇش توغرىسىدىكى پىكرى(مۇزاكىرە نۇسخىسى)»نى تۈزۈش ئەھۋالى توغرىسىدا ئومۇمىي يىغىنغا ئىزاھات بېرىمەن.

  بىرىنچى، «پىكىر»نى تۈزۈش ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە جەريانى توغرىسىدا

  ج ك پ–18 نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 – ئومۇمىي يىغىنى ئېلىمىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئىشلىرى ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا، ئىسلاھات ئىشلىرى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋە چوڭقۇرلىشىش باسقۇچىغا قەدەم قويغان ھالقىلىق پەيتتە ئېچىلغان بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىن. ئومۇمىي يىغىندا قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرىلىتىشكە دائىر بىرقانچە مۇھىم مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى›› (تۆۋەندە ‹‹قارار›› دېيىلدى) پارتىيەمىز تارىخىدىكى قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە دائىر تۇنجى مەخسۇس قارار بولۇپ، سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت قۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. 4 – ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىغا ئەزەلدىن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش مۇساپىسىنى پائال ئىلگىرى سۈردى. 2010 – يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ‹‹زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش، قانۇن ئىدارە قىلىشقا ۋە تەرتىپكە ئەھمىيەت بېرىش›› نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شىنجاڭدا جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، مۇقىملىقنى ساقلاش، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش، مۇھىت ئاسراش تەلىپىگە بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان بىر تۈركۈم يەرلىك قائىدە – نىزاملارنى تۈزدى؛ زوراۋانلىق، تېررورلۇق قاتارلىق ئېغىر جىنايى ھەرىكەتلەرگە قانۇن بويىچە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىشتىن ئېغىشماي، دۆلەتنىڭ تۈپ مەنپەئىتى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغدىدى؛ جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشتە يېڭىلىق يارىتىپ، كۆچمە ئاھالىلەرگە مۇلازىمەت قىلىش، باشقۇرۇش، مۇھىم ئامىللارنى باشقۇرۇش – تىزگىنلەش، قانۇن ۋە دەۋاغا چېتىشلىق ئەرزىيەت قاتارلىق جەھەتلەردە بىرقاتار كارغا كېلىدىغان ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللاندى؛ قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇشنى تەكىتلەپ، ھەر خىل زىددىيەتلەرنى ۋە ئوخشىمىغان مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىلەرنى قانۇن بويىچە مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلدى؛ قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈشنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغدىدى؛ قانۇن ئىدارە قىلىش تەشۋىقات – تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش ئېڭىنى كەڭ تارقىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش ئېڭىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى. بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى قانۇن ئىدارە قىلىدىغان شىنجاڭ قۇرۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرىلىتىشىمىز ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.

  ھازىر شىنجاڭ يېڭى تارىخىي باسقۇچتا تۇرۇۋاتىدۇ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇش مۇھىم پۇرسىتىگە دۇچ كەلدى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ساقلاش ۋەزىپىسى تولىمۇ مۈشكۈل، دۇچ كېلىدىغان خەۋپ ۋە خىرىس زور. شىنجاڭ مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە يولغا قويۇلغان جاي، رايون ئەھۋالى مۇرەككەپ، كۆپ مىللەت، كۆپ دىن تەڭ مەۋجۇت، مەدەنىيەت كۆپ خىل، مەنپەئەت كۆپ مەنبەلىك، زامانىۋى جەمئىيەتنىڭ يېتىلىش دەرىجىسى تېخى تۆۋەن، بولۇپمۇ بۆلگۈنچىلىككە، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ۋەزىيەت كەسكىن بولۇپ، ‹‹ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كېتىش››تەك ئالاھىدە مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزدىن قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ يېتەكلەش، قېلىپلاشتۇرۇش، كاپالەتلىك قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ، شىنجاڭنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن تېخىمۇ مۇھىم ۋە تەخىرسىز.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپە ئېھتىياجىغا پائال ماسلىشىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەسىنى تۈزۈشنى ئومۇميۈزلۈك تېزلەتتى. بۇ يىل 1 – ئاينىڭ بېشىدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم قانۇن ئىدارە قىلىدىغان شىنجاڭ قۇرۇش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 7–ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي – قانۇن كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى بىلەن بىرلىكتە ‹‹قانۇن ئىدارە قىلىدىغان شىنجاڭ قۇرۇش پىروگراممىسى››نى تۈزۈش خىزمىتىنى باشلىدى. توققۇز ئاي داۋامىدا لايىھە تۈزۈش گۇرۇپپىسى جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭغا بېرىپ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئىچكىرىدىكى ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايونلارنىڭ ئۈنۈملۈك تەجرىبىلىرىنى تولۇق ئۈلگە ئېلىپ ۋە قوللىنىپ، ئون نەچچە قېتىم سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ پىكىر ئالدى ھەم ‹‹قانۇن ئىدارە قىلىدىغان شىنجاڭ قۇرۇش پىروگراممىسى(دەسلەپكى لايىھە)››نى كۆپ قېتىم كەڭ كۆلەمدە تۈزەتتى ۋە مۇكەممەللەشتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ يىل 2 – ئايدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۇقتۇرۇشلىرىنىڭ تەلىپى بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرىلىتىش قارارىنى مەخسۇس مۇھاكىمە قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا پىكىر – تەكلىپلەرنى بەردى. 8 – ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ‹‹قارار››نىڭ پىكىر ئېلىش نۇسخىسىنى تارقاتتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەلەپ بويىچە بەلگىلەنگەن دائىرە ئىچىدە ئۆگىنىش ۋە مۇزاكىرە قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدا پىكىر – تەكلىپ بەردى.

  ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4 – ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم شىنجاڭنىڭ يىغىن روھى ۋە ‹‹قارار›› تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرىنى تېزدىن تۈزۈشنى قارار قىلدى ھەم ‹‹قانۇن ئىدارە قىلىدىغان شىنجاڭ قۇرۇش تېزىسى(دەسلەپكى لايىھە)››نى ئاساس قىلىپ، ‹‹قارار››نىڭ روھىغا سېلىشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشى ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ‹‹شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان شىنجاڭ قۇرۇش توغرىسىدا پىكىر››(تۆۋەندە ‹‹پىكىر›› دېيىلىدۇ)نىڭ لايىھەسىنى تەييارلاش خىزمىتىنى باشلىدى. بۇ جەرياندا كۆپ قېتىم يىغىن ئېچىپ مۇزاكىرە قىلىپ، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار نازارەت، ئىدارە ۋە قانۇنشۇناسلىق، قانۇن مۇتەخەسسىسلىرى، ئالىملىرىنىڭ پىكرىنى تولۇق ئېلىپ، پىكىر ئېلىش نۇسخىسىنى تەييارلىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 14 – نويابىر پىكىر ئېلىش نۇسخىسىنى ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق ۋە شەھەرلىك پارتكوملار ۋە ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلارغا تارقىتىپ، ئۇلارنىڭ پىكرىنى ئالدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 16 – نويابىر يىغىن ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش، سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسى قاتارلىق ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىرى ۋە قىسمەن قانۇنشۇناسلىق ئوقۇتۇش، تەتقىقات ئاپپاراتلىرى مەسئۇللىرىنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدى ھەم جايلاردىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلارنىڭ پىكرىنى توپلاپ قايتا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ مۇكەممەللەشتۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 17 – نويابىر پارتكومنىڭ (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنى ئېچىپ، ‹‹پىكىر›› نۇسخىسىنى مۇزاكىرە قىلدى. ھۆججەت تەييارلاش گۇرۇپپىسى يىغىندا مۇزاكىرە قىلغان پىكىرگە ئاساسەن يەنىمۇ تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ‹‹پىكىر(مۇزاكىرە نۇسخىسى)››نى تەييارلاپ ئومۇمىي يىغىننىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇندى.

  پىكىر ئېلىش جەريانىدا ھەرقايسى تەرەپلەر بىردەك مۇنداق قارىدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ‹‹شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان شىنجاڭ قۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر››ىدە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگونى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى بىر يۈرۈش تەلەپ، تەدبىرلىرى شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشى ئەمەلىيىتى بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلۈپ، ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى ھەم شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىدىكى زور مەسىلىلەرگە ۋە جىددىي ئېھتىياجىغا جاۋاب قايتۇرۇلدى. ‹‹پىكىر›› ‹‹قارار››نىڭ كونكرېتلاشتۇرۇلۇشى، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرگەن ئاساستا ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەنلىكىنىڭ كونكرېت ئىپادىسى، خېلى كۈچلۈك يېتەكلەشچانلىققا ۋە قوللىنىشچانلىققا ئىگە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدىن ئىبارەت ئومۇمىي نىشانغا يېتىشنى كۈچلۈك قانۇن ئىدارە قىلىش كاپالىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

  ئىككىنچى، ‹‹پىكىر›› لايىھەسىنى تۈزۈش خىزمىتىدە ئىگىلىگەن ئاساسىي پىرىنسىپ توغرىسىدا

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مۇنداق قارىدى: شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە چېتىلىدۇ، شۇڭا، ئومۇمىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يىراق كەلگۈسىنى كۆزلەش، رايون ئەھۋالىنى مەۋقە قىلىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈش كېرەك. ‹‹پىكىر››دە ھەم ‹‹قارار›› روھىنى ئومۇميۈزلۈك، توغرا ئىزچىللاشتۇرۇش، ھەم شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىنى مەۋقە قىلىپ كۈچەش نۇقتىسىنى توغرا تېپىش؛ ھەم ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئومۇمىي تەلىپىنى گەۋدىلەندۈرۈش، ھەم قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسىنىڭ كېسىشىش نۇقتىسىنى توغرا تېپىش؛ ھەم تارماقلار خىزمىتىنىڭ خاسلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش، ھەم تارماقلار ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىش؛ ھەم يىراقنى كۆزلىگەن ئاساستا ئومۇمىي پىلاننى ياخشى تۈزۈش، ھەم ھازىرقى ۋەزىيەتنى مەۋقە قىلىپ، ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش تەكىتلەندى.«پىكىر›› لايىھەسىنى تۈزۈش خىزمىتىدە تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىنى ئىگىلەشكە ئەھمىيەت بېرىلدى

  بىرىنچى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلدى. ج ك پ مەملىكەتلىك 18 – قۇرۇلتىيى، ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنى، 4 – ئومۇمىي يىغىنى، مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم ھۆكۈمى ۋە يوليورۇقىنىڭ روھى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ‹‹قارار››نىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، ئومۇمىي نىشانى، خىزمەت پىرىنسىپى ۋە مۇھىم ۋەزىپىلەرنىڭ شىنجاڭدا شۇ پېتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىندى.

  ئىككىنچى، شىنجاڭنىڭ رايون ئەھۋالى مەۋقە قىلىنىپ، شىنجاڭچە ئالاھىدىلىك گەۋدىلەندۈرۈلدى. بىر تەرەپتىن، يېتەكچى ئىدىيە ۋە ئومۇمىي نىشان قىسمىدا، مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئومۇمىي نىشان يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، ‹‹شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاق – مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە قۇرۇش›› شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى قىلىنىپ، ‹‹زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا، تەرتىپكە ئەھمىيەت بېرىش›› ئىزچىللاشتۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە بىرلەشتۈرۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ماس كېلىدىغان يەرلىك قائىدە – نىزام سىستېمىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىشنى شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ نىشان، تەلىپى قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  يەنە بىر تەرەپتىن، ئاساسىي پىرىنسىپ قىسمىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ‹‹بەش تەۋرەنمەسلىك›› باش پىرىنسىپى ئاساسىدا، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتى ۋە ئالاھىدە ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈلۈپ، ‹‹ئالتە جەزمەن›› پىرىنسىپال تەلىپى، يەنى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدىن جەزمەن باشتىن – ئاخىر تەۋرەنمەسلىك، خەلقنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىدىن جەزمەن تەۋرەنمەسلىك، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشاننى چۆرىدەشتىن جەزمەن تەۋرەنمەسلىك، «زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا ۋە تەرتىپكە ئەھمىيەت بېرىش››تىن جەزمەن تەۋرەنمەسلىك، قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇش ئىدىيەسىنى جەزمەن كۈچەيتىش، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ۋە شىنجاڭنى ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتىن جەزمەن تەۋرەنمەسلىكنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئۈچىنچى بىر تەرەپتىن، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. (1) شىنجاڭنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، مۇرەككەپلىكى، ئۆتكۈرلىكى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش باش نىشانىنى بەلگىلىگەن بولۇپ، تىنچ شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى جەزمەن شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم ئورنىغا قويۇش كېرەك. شۇڭا، ‹‹پىكىر››دە ‹‹تىنچ شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇش›› 2 – قىسىم قىلىنىپ، گەۋدىلەندۈرۈلدى ھەم تەكىتلەندى. (2) شىنجاڭنىڭ بازار ئىگىلىكىنىڭ يېتىلىش دەرىجىسى تۆۋەنرەك، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان، ئۆلچەملىك، تەرتىپلىك ئىقتىسادىي مۇھىت شەكىللىنىۋاتىدۇ. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى بەرپا قىلىشنىڭ تارىخىي پۇرسىتى ئالدىدا، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن ئىدارە قىلىشتىن پايدىلىنىپ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئادىل رىقابەتكە كاپالەتلىك قىلىش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىن پايدىلىنىپ ئىقتىسادىي تەرتىپنى قېلىپلاشتۇرۇش، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىن پايدىلىنىپ شىنجاڭنىڭ ئاجىز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئاسراش، ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. شۇڭا، ‹‹پىكىر››دە ‹‹قانۇن ئىدارە قىلىدىغان مۇھىت قۇرۇلۇشىنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرىلىتىش، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش›› 3 – قىسىم قىلىندى. (3) شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ۋە مۇقىملىقنى ساقلاشنىڭ ئالاھىدە مۇرەككەپلىكلىكى ۋە شىنجاڭنى ئۇزاققىچە قۇرۇشنىڭ تەلىپى، تۈزەش سىستېمىسى ۋە تۈزەش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى ۋە نىشانى قىلىنىپ، قانۇن بويىچە تۈزەشنىڭ كۆپ قاتلاملىق، كۆپ ساھەلىك ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىنىپ، تىنچ، ئىناق، ئۆلچەملىك، تەرتىپلىك ئىجتىمائىي مۇھىت بەرپا قىلىش بەلگىلەندى. شۇڭا، ‹‹پىكىر››دە ‹‹قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جەمئىيەت قۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەرتەرەپلىمە تۈزەش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش›› 4 – قىسىم قىلىندى.

  ئۈچىنچىدىن، ھازىرقى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىي ئەندىزىسى ۋە ئاساسىي لىنىيەسى گەۋدىلەندۈرۈلدى. ‹‹قارار››دا دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتىنىڭ تەدبىر ۋە تەلەپلىرى نىزام چىقىرىش، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، قوشۇن قۇرۇلۇشى، پارتىيە رەھبەرلىكى قاتارلىق ئالتە جەھەتتىن ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈش بىلەن بىللە، يەنە ‹‹قارار››نى ئاساس قىلىپ، بۇ ئالتە جەھەتتىكى مەزمۇننى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، 5 – قىسىمدىن 10 – قىسىمغىچە بولغان مەزمۇننى شەكىللەندۈردۇق. بۇ ئالتە قىسىمدا ھەم ‹‹قارار›› بىلەن بىردەكلىك ساقلاندى ھەم شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئىنچىكىلەشتۈرۈلدى ۋە كونكرېتلاشتۇرۇلدى. مەسىلەن: يەرلىك نىزام چىقىرىش قىسمىدا، ‹‹نىزام چىقىرىش قانۇنى›› بىزگە بەرگەن مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ نىزام چىقىرىش ھوقۇقىدىن تولۇق ۋە ياخشى پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە تەرەققىياتىغا ماس كېلىدىغان يەرلىك قائىدە – نىزام ۋە ھۆكۈمەت قائىدە – نىزام سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تەكىتلىدۇق. قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش قىسمىدا، ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇقىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە چەكلەش، شىنجاڭنى ‹‹تەستىق ئىشلىرى ئەڭ ئاز، ئۈنۈمى ئەڭ يۇقىرى، مۇلازىمىتى ئەڭ ياخشى›› ئۆلكىلەرنىڭ بىرى قىلىپ قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەشۋىقات – تەربىيەسى قىسمىدا، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش روھى بىلەن زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇشتىن ئېغىشماي، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشى بىلەن ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش›› تەشۋىقات – تەربىيەسىنى بىرلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈش ۋە جارى قىلدۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى قوشۇن قۇرۇلۇشى قىسمىدا، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش مەخسۇس قوشۇنىنىڭ كەمچىل بولۇش ئەمەلىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى قانۇنشۇناسلىق كەسپىنىڭ تولۇق كۇرستىن يۇقىرى سىنىپىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىن قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش مەخسۇس ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنىغا ئالدىن قوبۇل قىلىش تۈزۈلمە مېخانىزمى ئورنىتىشنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. پارتىيە رەھبەرلىكى قىسمىدا، سىياسىي ئىنتىزامنى چىڭىتىش، سىياسىيدا كۈچلۈك بولۇش تەلىپى ۋە پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىش دېلولىرىنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى گەۋدىلىك تەكىتلىدۇق.

  3. ‹‹پىكىر››نىڭ ئومۇمىي رامكىسى ۋە ئاساسىي مەزمۇنى توغرىسىدا

  رامكا قۇرۇلمىسىدا، ‹‹پىكىر››دە ‹‹قارار›› ئاساس قىلىنىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان شىنجاڭ قۇرۇش ئاساسىي لىنىيە قىلىندى. كونكرېت ئۈچ چوڭ بۆلەك، ئون قىسىمغا ئايرىلدى.كىرىش سۆز بىلەن بىرىنچى قىسىمدىن بىرىنچى بۆلەك تەشكىل قىلىنىپ، ئومۇمىي بايانغا تەۋە قىلىندى. بىرىنچى قىسىمدا پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى، ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 – ئومۇمىي يىغىنى ۋە مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىشتىن ئېغىشماي، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى نۇقتىلىق شەرھيلەندى، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، ئومۇمىي نىشانى، ئاساسىي پىرىنسىپى قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەر ئېنىق بېكىتىلدى، بولۇپمۇ شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتى چىقىش قىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ رايون ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشى يولىدا مېڭىش تەكىتلىنىپ، ‹‹ئالتە جەزمەن›› پىرىنسىپال تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.2- قىسىمدىن 4 – قىسىمغىچە 2 – بۆلەك تەشكىل قىلىنىپ، 4 – ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاساسلىق ۋەزىپىلەر ئۈچ جەھەتتىن ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ، تىنچ شىنجاڭ قۇرۇشنى چۆرىدەپ شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇش؛ قانۇن ئىدارە قىلىدىغان مۇھىت قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش؛ قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشتە قانۇن ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت ‹‹ئۈچنى چۆرىدەش››كە يىغىنچاقلاندى. 5 - قىسىمدىن 10 – قىسىمغىچە 3 – بۆلەك تەشكىل قىلىنىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان شىنجاڭ قۇرۇشنىڭ مۇھىم تەدبىرلىرى ئالتە تەرەپتىن ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ ‹‹ئۈچتىن ئېغىشماسلىق، ئۈچنى كۈچەيتىش››كە يىغىنچاقلاندى. 5 –، 6 –، –7 قىسىمىدا مەۋقەنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەھۋالىغا قويۇشتىن ئېغىشماي، يەرلىك نىزام چىقىرىشنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش؛ مەمۇرىيەتنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشتىن ئېغىشماي، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش؛ قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈشتىن ئېغىشماي، قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ ئىشەنچلىكلىكىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ‹‹ئۈچتىن ئېغىشماسلىق›› تەكىتلەندى. 8 –، 9 –، 10 – قىسىمىدا قانۇن ئىدارە قىلىش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش تونۇشىنى ئۆستۈرۈش؛ قانۇن ئىدارە قىلىش خىزمىتىنىڭ قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك كاپالەتلەندۈرۈش؛ پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتىدە ئومۇميۈزلۈك يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتىن ئىبارەت ‹‹ئۈچنى كۈچەيتىش›› تەكىتلەندى.

  ئاخىرقى سۆز قىسمىدا، جايلار ۋە تارماقلارنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش، مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىشكە ئائىت تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى ھەم ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلىنىپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان شىنجاڭ قۇرۇش، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا چاقىرىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر