باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شياڭگاڭ ھۆكۈمىتى ھۆكۈمەتنىڭ باش ئورگىنىغا زوراۋانلىق كۈچى بىلەن ھۇجۇم قىلىشنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى

2014.12.03 00:00         مەنبە: مەركىزى تېلېۋىزىيە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەت تۆنۈگۈن قانۇنسىز يىغىلىش قىلغۇچىلارنىڭ ساقچى مۇداپئە لىنىيىسىگە قەستەن، تەشكىللىك زوراۋانلىق كۈچى بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ باش ئورگىنى ۋە لۇڭخېداۋ يولىنى توسىۋالغانلىق قانۇن ئىنتىزامغا پىسەنت قىلماي ئاممىنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزگەن زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى.

  30-نويابىر، زوراۋانلار ساقچىلارغا قەستەن نەرسە تاشلاپ، ساقچىلارغا كۈچلۈك نۇر ياقتى ۋە ئوت ئۆچۈرگۈچ چاچتى، توختىماي ئىغۋاگەرچىلىك قىلىپ، ساقچىلارنى ھاقارەتلىدى، باشقىلارنى ساقچى مۇداپئە لىنىيىسىگە ھۇجۇم قىلىشقا قۇتراتتى. ۋەقەنىڭ يەنىمۇ ناچارلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ساقچىلار كەسكىن ھەرىكەت قوللىنىپ، ئۇلارنى قوغلىدى ۋە ئالاقىدار كىشىلەرنى تۇتتى. ئەمما رادىكال نامايىشچىلار ساقچىلارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىماستىن، ساقچى مۇداپئە لىنىيىسىگە داۋاملىق ھۇجۇم قىلدى. ۋەقەدە 11 ساقچى يارىلاندى، ساقچىلار نۆۋەتتە 40 كىشىنى تۇتتى. ئالاھىدە رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باش مەمۇرىي لياڭ جېنيىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھۆكۈمەت بىلەن ساقچىلار سەۋر تاقەت قىلىپ كەلدى، مەيداننى تازىلاش سەۋەبىدىن توقۇنۇش كېلىپ چىقىپ، قانلىق ۋەقە يۈز بېرىشنى خالىمايمىز. ساقچىلارنىڭ بۇ خىل سەۋر تاقەت قىلىشى ئوتتۇرا ئايلانمىنى ئىگىلىۋېلىش ۋەقەسىدە ئاجىزلىق قىلىدىغانلىقى ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنىڭ يوقلىقىدىن ئەمەس. ھۆكۈمەت ۋە ساقچىلارنىڭ قانۇن ئىنتىزامنى قوغداش، جەمئىيەت تەرتىپىنى تېزراق ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەسئۇلىيىتى بار.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر