- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى 100 كۈنلۈك «قىش پەسىللىك قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە قاخشاتقۇچ زەربە بېرىش مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتى» نى باشلىدى
2014.12.02 23:52 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تۈنۈگۈن كېلەر يىلى 3- ئاينىڭ 10- كۈنىگىچە داۋام قىلىدىغان 100 كۈنلۈك «قىش پەسىللىك قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە قاخشاتقۇچ زەربە بېرىش مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتى» نى باشلىدى.
بۇ قېتىمقى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىدە، ئاپتوموبىل ئەينىكىنى چېقىپ مال- مۈلۈك ئوغرىلاش، قىمار ئويناش، زەھەر ئەتكەسچىلىكى، قانۇنسىز كىراكەشلىك قىلىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىلىدۇ. تەرتىپكە سېلىنىدىغان رايونلار ئاساسلىقى ۋوگزال، يولۇچىلار بېكىتى، ھەر خىل بازارلار، چوڭ تىپتىكى سودا سارايلىرى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان نوقتىلىق رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى تاۋ خۇڭجۈن مۇنداق دېدى: كوچىلاردىكى بولاڭچىلىق، ئاپتوموبىل ئەينىكىنى چېقىپ ئوغرىلىق قىلىش دېلولىرىغا زەربە بېرىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، كوچىلاردىكى قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆپىيىشىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىمىز. ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى تۈزۈپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان نوقتىلىق مەيدان، ساراي ۋە رايونلارنى تەلتۈكۈس تەرتىپكە سالىمىز. نۆۋەتتە شەھىرىمىزدە قانۇنسىز كىراكەشلىك قىلىش ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر. بۇ- قانۇنلۇق تىجارەت، ھوقۇق- مەنپەئەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتىدۇ، شۇنداقلا زور يۇشۇرۇن خەۋپ پەيدا قىلىۋاتىدۇ. ھەر قايسى ئورۇنلار قانۇنسىز كىراكەشلىك قىلىۋاتقان ئاپتوموبىللارنى كۆزىتىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، بۇ ئاپتوموبىللارنىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىنى سادىر قىلىشنىڭ قورالى بولۇپ قېلىشىنى زور دەرىجىدە توسۇشى كېرەك.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئىجتىمائىي كۈچلەرنى بۇ قېتىمقى قاخشاتقۇچ زەبەر بېرىش مەخسۇس تەرتىپكە سېلىش ھەرىكىتىگە پائال قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىش ئۈچۈن، دېلو پاش قىلىشتا خىزمەت كۆرسەتكەن ئاممىنى مۇكاپاتلاشقا ئىشلىتىش ئۈچۈن مەخسۇس 100 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجراتتى. تاۋ خۇڭجۈن مۇنداق دېدى: ئاممىنى دېلو يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەشكە پائال يېتەكلەيمىز، مۇكاپاتلاش، تەقدىرلەش مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك ئورۇنلار ۋە شەخسلەرنى مۇكاپاتلايمىز.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر