- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئۈرۈمچىدە 1 - دېكابىردىن باشلاپ ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇسلىرىغا ئالاقىدار مەدەنىيەتسىز قىلمىشلار قاتتىق تەكشۈرۈلىدۇ
2014.12.02 23:50 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
ئىگىلىنىشىچە ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە 1-دېكابىردىن باشلاپ ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇسلىرىغا ئالاقىدار مەدەنىيەتسىز قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈش باشلانغان بولۇپ ، بۇنىڭدا بېكەتكە ئۆلچەم بويىچە كىرمەسلىك ، قارىغۇلارچە ھەيدەش (ئاپتوموبىل ھەيدەۋېتىپ تېلېفون ئويناش ۋە تېرمىنال تۇتۇش)، ئاپتوموبىل يولىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىش قاتارلىق ئەھۋاللار تەكشۈرۈش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن . بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈش 10 كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ ، تەكشۈرۈش ئاياغلاشقاندىن كېيىن ، بىر تۇتاش باشقۇرۇش ئىشخانىسى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئاممىۋى قاتناش كارخانىلىرىغا ئۇقتۇرۇپ، كارخانىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرىدىكەن .
نۆۋەتتە ئۈرۈمچى شەھىرىدە جەمئىي 155 ئاممىۋى قاتناش لىنىيەسى بار بولۇپ ، ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇسى 4340 نەچچىگە يەتكەن (BRT، ئايلانما يول تېز ئاپتوبۇسى ، بىۋاسىتە لىنىيەلىك ئاممىۋى قانتاش ئاپتوبۇسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) .
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر