- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسى ئالدىن بېلەت سېتش ۋاقتىنى 60 كۈنگە ئۇزارتتى
2014.12.02 23:50 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
مۇخبىرنىڭ 27-نويابىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۆمۈريول ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە ، جۇڭگو تۆمۈريول باش شىركىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن ، ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى 2014-يىل 1-دېكابىردىن باشلاپ ئالاقە تورى ۋە تېلېفون ئارقىلىق ئالدىن بېلەت سېتىش ۋاقتىنى 60 كۈنگە ئۇزارتىدىكەن .
1-دېكابىر باشلاپ ئالدىن بېلەت سېتىش ۋاقتى ئەسلىدىكى 20 كۈندىن 30 كۈنگە ئۇزارتىلىدىكەن ، 2-دېكابىر ئالدىن بېلەت سېتىش ۋاقتى 36 كۈنگە ، 3-دېكابىر 42 كۈنگە ، 4-دېكابىر 48 كۈنگە ، 5-دېكابىر 54 كۈنگە ، 6-دېكابىر 60 كۈنگە ئۇزارتىلىدىكەن .7-دېكابىرىدىن باشلاپ 2015-يىل 4-فېۋرالنىڭ پويىز بېلىتى سېتىلىدىكەن .
ئىگىلىنىشىچە ، جەنۇبىي شىنجاڭغا قاتنايدىغان نۆۋەتچى پويىزنىڭ يول يۈرۈش لىنىيەسىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكى ۋە لەنجۇ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلانغانلىقى سەۋەبلىك ، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن باشلاپ تۆۋەندىكى نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ بېلىتى سېتىلمايدىكەن ، كونكېرىت بېلەت سېتىش ۋاقتى ئايرىم ئۇقتۇرۇلىدىكەن .
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر