باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو يىل ئاخىرىدا مۇقىم ئېشىشقا كۈچىدى

2014.12.02 16:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 1-دېكابىر ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، نويابىردا جۇڭگو ياسىمىچىلىقىدا سېتىۋېلىش دېرىكتورى كۆرسەتكۈچى %50.3 بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.5 پوئېنت تۆۋەنلەپ، سەككىز ئايدىن بۇيانقى يېڭى تۆۋەن چەككە چۈشكەن. بۇنىڭدىن باشقا، نويابىردا خۈيفېڭ ياسىمىچىلىقىنىڭ سېتىۋېلىش دېرىكتورى كۆرسەتكۈچى تۆۋەنلەپ، %50 كە چۈشۈپ، ئالتە ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا يەتكەن.

  ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى ئاستىدا، جۇڭگودا يىل ئاخىرىدا مۇقىم ئېشىش يۇقىرى دولقۇنى كۆرۈلدى، ھۆكۈمەتنىڭ مۇقىم ئېشىشنى ساقلاش كۈچى ئۆزلۈكسىز زورايدى. تولۇقسىز مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، ئۆكتەبىردىن بۇيانقى ئىككى ئاي ۋاقىت ئىچىدە دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى 35 ئاساسىي قۇرۇلۇش تۈرىنى مەركەزلىك تەستىقلىغان، تەخمىنەن 976 مىليارد 171 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان. تۈرنى تەستىقلاشنىڭ بۇنداق مەركەزلىك بولۇشى، مەبلەغ سوممىسىنىڭ بۇنداق زور بولۇشى، ئاساسىي قۇرۇلۇشقا سېلىنىدىغان سەرمايىنىڭ ھەقىقەتەن ئېشىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

  ئاساسىي قۇرۇلۇش تۈرىگە سېلىنىدىغان مەبلەغنى كۆپەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىر يۈرۈش زور سىياسەت تەدبىرلەرمۇ مەركەزلىك تۈزۈپ چىقىلدى. مۇخبىرنىڭ دىققەت قىلىشىچە نويابىردىلا مەركىزىي ھۆكۈمەت ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىش، يېڭى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش 10 ماددىسى قاتارلىق بىر قانچە زور سىياسەتلەرنى تۈزۈپ چىققان. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى سىياسەتنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېت ئىشخانىسى، گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى يېقىندا بىرلىشىپ 8 ھەيدەكچىلىك گۇرۇپپىسىنى 16 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاستە قاراشلىق شەھەرگە تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىپ، ئىسلاھاتتىكى زور ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېشىشنى مۇقىىملاشتۇرۇش قاتارلىق سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى نۇقتىلىق تەكشۈرگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر