باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە 115 سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمنامە ھۆججەتلىرىنى تورغا چىقىرىش خىزمىتىنى تاماملايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2014.12.02 23:53         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى تۈنۈگۈن، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، يىل ئاخىرىدا ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە 115 سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمنامە ھۆججەتلىرىنى تورغا چىقىرىش خىزمىتىنى تاماملايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ھۆكۈمنامە ھۆججەتلىرى- خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ سوت جەريانى ۋە ھۆكۈم نەتىجىسى خاتىرىلىنىدىغان قانۇنىي ھۆججەت بولۇپ، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ تالاش- تارتىشلىرى، ماجرالىرىغا كېسىم چىقىرىدىغان ۋاستە ھېسابلىنىدۇ. ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ئىلى ئوبلاستلىق شۆبە مەھكىمىسى بىلەن 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە 78 ئاساسىي قاتلام سوت مەھكىمىسى «جۇڭگو ھۆكۈمنامە ھۆججەتلىرى تورى» دا 24 مىڭ پارچىدىن كۆپرەك ھۆكۈمنامە ھۆججىتىنى ئېلان قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى سوت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى شۈي چېڭجياڭ مۇنداق دېدى: ھۆكۈمنامە ھۆججەتلىرىنى تورغا چىقىرىش سوتچىلارنىڭ كېسىم چىقىرىش ھوقۇقىنى قېلىپلاشتۇرىدۇ، چەك قويىدۇ، جەمئىيەتنىڭ نازارەتچىلىكىنى قوبۇل قىلىشقا قولايلىق يارىتىدۇ. خەلق ئاممىسى قانداق ئىشنى قىلىشنىڭ قانۇنلۇق، قانداق ئىشنى قىلىشنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ھۆكۈمنامە ھۆججەتلىرىنى كۆرۈپ بىلىۋالالايدۇ.

  شۈي چېڭجياڭ شۇنىڭ بىلەن بىرگە، «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىىڭ خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئىنتېرنېت تورىدا ھۆكۈمنامە ھۆججەتلىرىنى ئېلان قىلىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى» بويىچە 4 تۈرلۈك ھۆكۈمنامە ھۆججەتلىرىنى توردا ئېلان قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: دۆلەت مەخپىيىتى، شەخسلەرنىڭ نومۇسىغا چېتىلىدىغان دېلولار، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايىتى ۋە مۇرەسسە يولى بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇلغان دېلولارنىڭ ھۆكۈمنامىلىرى توردا ئېلان قىلىنمايدۇ. ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىش ئۈچۈن، جىنايى ئىشلار دېلولىرىدا ئۆزلىرىنى مەلۇم قىلغان، نىكاھ، ئائىلە، مىراسقا ۋارسلىق قىلىش، قوشنىلار ئارا تالاش- تارتىش، ئەمگەك ماجرالىرى، داۋالاش ماجرالىرى دېلولىرىنىڭ ھۆكۈمنامىلىرىنى ئاشكارىلاشتا ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ پىكىرىنى ئېلىش ۋە ئۇلارنىڭ پىكىرىگە ھۆرمەت قىلىش، ئۇلار توردا ئېلان قىلماسلىقنى تەلەپ قىلسا ھەمدە سەۋەبى يوللۇق بولسا، توردا ئاشكارىلىماسلىق كېرەك.

  نۆۋەتتە، «جۇڭگو ھۆكۈمنامە ھۆججەتلىرى تورى» پەقەت خەنزۇچە يېزىقتىكى ھۆكۈمنامە ھۆججەتلىرىنى يوللاشنى قوللايدىغان بولۇپ، باشقا يېزىقتىكى ھۆكۈمنامە ھۆججەتلىرىنى يوللاشنى ۋاقتىنچە قوللىمايدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر