باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11-يىغىنى ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنىنى كېلەر يىلى يانۋاردا ئېچىشنى قارار قىلدى

2014.12.01 23:55         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11 - يىغىنى 28 - نويابىر چۈشتىن ئاۋۋال يېپىلدى. يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3 - يىغىنىنى 2015 - يىلى 1 - ئايدا ئېچىش قارار قىلىندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دىن ئىشلىرى نىزامى››، ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يول تىرانسپورت نىزامى››، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3 - يىغىنىنى ئېچىش توغرىسىدىكى قارارى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2 - يىغىنىدا ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەرنى بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ لياڭ چاۋنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسىلىق ۋەزىپىسىدىن بەرگەن ئىستىپاسىنى قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى قارارى ۋە كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش، ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش ئىشلىرى ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق ماقۇللاندى.

  شۆھرەت زاكىر مۇنداق كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 8 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 8 - ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى تېزدىن ئۆگىنىش يۇقىرى دولقۇنىنى قوزغاپ، يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، چوڭقۇر ئىگىلەش ۋە ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇشنى نۆۋەتتىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قاتارىدا چىڭ، ياخشى تۇتۇش، بولۇپمۇ دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن باشلامچى بولۇپ، يىغىننىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىشى، ياخشى تەشۋىق قىلىشى، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇشى كېرەك؛ يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا زىچ بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ تەدبىرلىرىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ ۋە ئويلىنىپ ياخشى ئىشلەپ، ‹‹پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپى بىزنىڭ ۋەزىپىمىز››نى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇن بويىچە ھوقۇق يۈرگۈزۈشىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ۋەزىپىسى بىزنىڭ ھەرىكىتىمىز›› دېگەن ئاڭنى كۈچەيتىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پۇختا، ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلەپ، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئۈنۈملۈك قانۇن ئىدارە قىلىش كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن ۋاڭ يۇڭمىڭ، جاپپار ھەبىبۇللا، ما مىڭچېڭ، تېلىۋالدى ئابدۇرېشىت، مۇتەللىپ قاسىم، ھۆرىگۈل جاپپار، دۇڭ شىنگۇاڭ، باش كاتىپ ئەسقەر تۇرسۇن يىغىنغا قاتناشتى.

  ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جارۇللا ھېسامىدىن، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى نەيىم ياسىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى نىشان ئىبراھىم، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قىسمەن ۋەكىللىرى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىرى، دائىمىي كومىتېتنىڭ ھەرقايسى خىزمەت تارماقلىرى، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى، ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر