باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>ئالبوم

ئاۋۇت بارات فوتو ـ سۈرەتلىرىدىن تاللانما: ئەرەنچە دوپپىلار(1)

2014.04.28 14:39   مەنبە: خەلق تورى



  ئۇيغۇرلار قەدىمكى ئەسىرلەردىن بېرى مۇقىم ئولتۇراقلىشىپ، دېھقانچىلىق، باغۋەنچىلىك قاتارلىق كەسپلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن خەلق بولغاچقا، قول ھۈنەرۋەنچىلىكتە، تەسۋىرىي سەنئەتتە، شۇنداقلا كەشتىچىلىكتىمۇ ئۆزىنىڭ ئېتنىك ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان تەبىئەت مەنزىرىسىگە قىياس قىلىپ گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرىنى يارىتىپ كەلگەن. خەلقىمىزنىڭ كەشتىچىلىك سەنئىتىنىڭ بىر نامايەندىسى- دوپپىلارغا ھەر خىل گۈل- كەشتىلەرنى چېكىشتىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. دوپپىلارنىڭ تۈرلىرىنىڭ كۆپلۈكى، ئۇلارغا چېكىلگەن گۈل- نەقىشلەرنىڭ خىلمۇ خىللىقى، تەكرارلانماسلىقى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. بۇ خىل قەدىمكى، مەدەنىي مىراسلىرىمىزنى ساقلاپ قېلىش، ئۇنى كەلگۈسى ئەۋلادلارغا نەمۇنە قىلىپ قالدۇرۇش ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىش.

  تۆۋەندە بىر قانچە تۈرلۈك ئەرەنچە دوپپىلار تونۇشتۇرۇلىدۇ.

  ئەرەنچە چىمەن دوپپا — چىمەن دوپپا ئىسمى- جىسمىغا لايىق تولىمۇ چىرايلىق بېزىلىپ تىكىلىدۇ. بۇ دوپپىنىڭ نامىنىڭ چىمەن دوپپا دەپ ئاتىلىشىمۇ شۇنىڭغا باغلىق. دوپپا دۈگلەك شەكىلدە بولسىمۇ تۆت تالاسى توق يېشىل يىپەك يىپ بىلەن ئاجرىلىپ تۇرىدۇ. دوپپىنىڭ تېگى يېشىل يىپ بىلەن تىكىلىپ، گۈل- غۇنچىلىرى قوشماق باداملار بىلەن بېزىلىدۇ، ئۈستىدىكى گۈللىرى شاپتۇل چېچىكى رەڭلىك يىپتا، گىرۋىكىدىكى گۈللىرى بولسا قېنىق قىزىل يىپتا چېكىلىدۇ. دوپپىنىڭ جىيىكى قارا مەخمەل بىلەن چۆرىدەپ تىكىلىپ، گۈل ئارىلىقى ئاق يىپەك يىپتا نازۇك قىلىپ يوپۇرماقنىڭ تارام- تارام تومۇرلىرىدەك بېزىلىدۇ. ئۇ ئەرلەرگە خاس بولۇپ، قەشقەر تەۋەسىدىكى ئەرلەر تولىمۇ ياقتۇرۇپ كىيىدۇ.

  گۈلشەن چىمەن دوپپا — بۇ دوپپىنىڭ شەكلى گىلەم دوپپىغا ئوخشىسىمۇ، ئەمما گۈللىرىنىڭ تىكىلىش تېخنىكىسى ۋە قۇرۇلمىسى باشقىچە. بۇ دوپپا گىئومېتىرىك ئۇسۇلدا ئەمەس، ئادەتتىكى گۈل دوپپىلىرىدەك ئىشلىنىدۇ. دوپپا توت تالالىق بولۇپ، گۈللىرى ناھايىتى ئوچۇق رەڭلىك يىپەكلەردىن تىكىلىدۇ. دوپپىنىڭ تېگى ئاق رەختتىن بولۇپ گۈللىرى ئۈچ لىنىيىگە بۆلۈپ ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. تېگىدىكى چوڭ گۈل قېنىق قىزىل يىپتا، ئىككى يېنىدىكى ئېچىلغان يوپۇرماقلىرى قىزىل يىپتا چېكىلىدۇ. ئوتتۇرىسىدىكى گۈللىرىنىڭ ھەممىسى ئاق، قوش يوپۇرماقلىرى توق يېشىل، ئىككى تەرىپىدىكى تۆت تالالىق گۈلى قېنىق ھال، ئوتتۇرسىدىكى ئاچىماق چېچەك يېشىل، يېنىدىكى يوپۇرماق لىنىيىلىرىنىڭ بىرى قىزىل، ئىككىنچىسى توق سۆسۈن يىپتا چېكىلىدۇ. دوپپىنىڭ يۇقىرىسىغا جايلاشقان ئۈچىنچى لىنىيىدىكى گۈللەر ئوچۇق ھال رەڭدە، ئىككى ياندىكى قوش يوپۇرمىقى قېنىق ھاۋارەڭ ۋە قېنىق يېشىل رەڭلەردە بېزىلىدۇ، بۇ دوپپا ئەرلەر، بولۇپمۇ ياش يىگىتلەر ۋە ئوتتۇرا ياشلىق ئادەملەرگە خاس.

  گۈل قىياق دوپپا— دۈگلەك شەكىلدە بولۇپ، سۇس ھاۋارەڭ تەگلىككە ھەر خىل رەڭدىكى يىپەك يىپلار بىلەن گۈل تىكىلىدۇ. گۈللەر قىياق بەلگىلىرى بىلەن قۇراشتۇرۇلۇپ، دوپپىنىڭ ئەڭ ئۈستىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى گۈلى قېنىق سۇس رەڭدە، ئەتراپىدىكى تۆت گۈل قېنىق ھاۋارەڭ يىپتا چېكىلىدۇ، گۈللەرنى ئوراپ تۇرىدىغان قىياق يوپۇرماقلار قېنىق ھال، ھاۋارەڭ، توق يېشىل رەڭلەردە چېكىلىپ، گۈللەر قارا يىپەك چېكىتلەر بىلەن تۆت تەرەپكە ئاجرىلىپ بېزىلىدۇ. دوپپىنىڭ جىيىكى قارا مەخمەل بىلەن چۆرىدەپ تىكىلىدۇ. بۇ دوپپا قەشقەر ئۇستىلىرىنىڭ مەھسۇلاتى بولۇپ ئەرلەر كىيىدۇ.

  چىمەنگۈل دوپپا— بۇ خىل دوپپا تۆت تالالىق بولۇپ، سۇس يېشىل، مايسىرەڭ تەگلىككە ھەر تۈرلۈك گۈللەر چېكىلىدۇ. گۈللەر دانە- دانە شەكىلدە ئوچۇق ھال ۋە قىزىل رەڭلىك يىپتا چېكىلىدۇ. گۈللەرنىڭ تۈزۈلۈشى خۇددى كېسىلگەن لىمون دانىلىرىغا ئوخشايدۇ. يوپۇرماقلىرى توق يېشىل، سۆسۈن ۋە ئوچۇق كۆكرەڭلىك يىپەك يىپلاردىن ئىبارەت. گۈللىرى، جىيىكى ئاق، قارا يىپلار ئارقىلىق گويا ھەرىنىڭ چىشىغا ئوخشاش ئاجرىتىلىپ بېزىلىدۇ. دوپپىنىڭ جىيىكى قارا مەخمەل بىلەن چۆرىدەپ تىكىلىپ، جىيەك ئۈستىگە ئايرىم- ئايرىم گۈل پارچىلىرى چېكىلىدۇ. بۇ خىل دوپپا ئەرلەرگە خاستۇر.

  قىزىل گۈل دوپپا— بۇ خىل دوپپا تۆت تالالىق بولۇپ، توق يېشىل تەگلىك، ئاق، ساغۇچ يىپەك يىپ بىلەن گويا ئۆمۈچۈك تورىدەك بېزىلىدۇ. ئۈستىگە چۈشۈرۈلگەن گۈللىرى قىزىل يىپەك يىپ بىلەن دانە- دانە قىلىپ چېكىلىدۇ. گۈللەرنىڭ ئەتراپىدىكى چاچراپ چىققان بىخلار، غۇنچىلار يېشىل رەڭدە، ئېچىلاي دېگەن غۇنچىلار بولسا شاپتۇل چېچىكى رەڭلىك يىپتا، ئۈستى ئاق يىپەك يىپتا چېكىلىدۇ. دوپپىنىڭ گۈللىرى گېئومېترىك ئاساستا ئىشلەنگەن بولۇپ، يوپۇرماقلىرى تۈز سىزىقلار بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ دوپپىنى ياش يىگىتلەر ۋە ئاياللار كىيسىمۇ بولىدۇ.

  مارجانگۈل دوپپا— بۇ خىل دوپپا تۆت تالالىق بولۇپ تېگى ئاق زەر رەختتىن تىكىلىپ، گۈللىرى يوغان- يوغان، دانە- دانە قىلىپ چېكىلىدۇ. دوپپىنىڭ ئۈستىگە ۋە گىرۋەكلىرىگە چېكىلگەن گۈل سەل سوقۇچاق بولۇپ، ھال، ئاق، قېنىق قىزىل يىپلاردا تىكىلىدۇ. گۈلنىڭ ئەتراپىدىكى يوپۇرماقلار توق يېشىل رەڭدە بولىدۇ. بۇ دوپپىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى پۈتۈن گۈل، يوپۇرماقلارنىڭ ئەتراپى ئاق سەدەپ مارجان بىلەن چۆردىلىپ بىر قاتاردىن چېكىلىدۇ. شۇنىڭدەك گۈل ئۈستىگە ۋە يان تەرىپىگە ئاق يىپەكتىن يوپۇرماق پارچىسى چېكىلىدۇ. بۇ خىل دوپپا ئەرلەر، قىزلار ۋە چوكانلارغا خاس بولۇپ، كۇچا ئۇستىلىرىنىڭ مەھسۇلاتىدۇر.

  ئاق گۈل چىمەن دوپپا— بۇ خىل دوپپا تۆت تالالىق بولۇپ، گۈللىرى مۇرەككەپ ئەمەس. گۈللەر دوپپىنىڭ ئۈستىدىن تا ئاستىغىچە بىر خىل تۈردە، ئاق گۈل چېچەك، غۇنچىلاردىن تەركىپ تاپىدۇ. ئۇنىڭ چوڭ گۈللىرى بېغىررەڭ يىپتا، قالغان گۈللىرى، غۇنچىلىرى ھاۋارەڭ يىپتا چېكىلىدۇ. دوپپىنىڭ جىيىكى قارا مەخمەل بىلەن چۆرىدەپ تىكىلىدۇ. ئۇنىڭ تۆت تالاسى ئاق يىپەك يىپ ئارقىلىق بۇغۇم- بۇغۇم، گۈل چېكىلگەن سىزىقلار بىلەن ئاجرىتىلىدۇ. بۇ خىل دوپپا ئەرلەرگە خاس بولۇپ، خوتەن، قەشقەر تەۋەسىدە كۆپ كىيىلىدۇ.

  گۈل يوپۇرماقلىق چىمەن دوپپا— تۆت تالالىق بولۇپ، كۈلرەڭ تەگلىك رەختكە ئاق يىپەك يىپ بىلەن سىزىقلار چېكىلىدۇ، دوپپىنىڭ ئۈستىدىكى بوشلۇققا چېكىلىدىغان يوپۇرماقلار دوپپىنىڭ كۆرۈنۈشىگە ماسلاشقان ھالدا ئاق يىپ بىلەن تىكىلىپ، چۆرىسى قارا يىپ بىلەن ئالاھىدە ئاجرىتىلىدۇ. گۈللەرنىڭ ئارىلىقلىرىغا، جىيەكلىرىگە ئاق يىپ بىلەن ئۆركەش شەكىلدە چىقىرىلغان يوللار دوپپىغا تېخىمۇ ھۆسۈن قوشىدۇ. ئۆركەشنىڭ ئاق يوللىرى قارا يىپ بىلەن ئاجرىتىلىدۇ. دوپپىنىڭ جىيىكى قارا مەخمەل بىلەن چۆرىدەپ تىكىلىدۇ. بۇ خىل دوپپا ئەرلەرگە خاس.

  گۈل دوپپا— تۆت تالالىق بولۇپ، كۆك مەخمەلدىن تىكىلىدۇ. ئۈستىگە بىرلا يەرگە گۈل چېكىلىدۇ. گىرۋىكىگە تۈز يول قىلىپ ئاق يىپەك يىپتا سىزىقلار تىكىلىدۇ. دوپپىنىڭ گۈلىنىڭ يېرىمىنى قىزىل، ئوتتۇرىسىنى توق سېرىق، ئاق يىپەكتە، يان تەرىپىدىكى گۈلى قېنىق ھال رەڭلىك، غۇنچىلىرى كۆك، سېرىق رەڭلىك، بىخلىرى توق سېرىق رەڭلىك، يوپۇرماقلىرى كۆك رەڭلىك يىپلاردا بېزىلىدۇ. جىيىكى قارا مەخمەل بىلەن چۆرىدەپ تىكىلىدۇ. تۆت تالاسى قىزىل يىپ بىلەن لىنىيە بويىچە ئاجرىتىلغان بولۇپ ياش بالىلار ۋە يىگىتلەرگە خاستۇر.

  مەنبە: 2010-يىل بىرىنچى نۆۋەتلىك «ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى» تەشۋىقات ماتېرىيالىدىن ئېلىندى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 【21】 【22】 【23】 【24】 【25】 【26】 【27】 【28】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز