باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى ۋوگزالىدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھۇجۇم دېلوسى پاش قىلىندى

2014.05.04 09:02         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 1-ماي تېلېگراممىسى. ساقچىلارنىڭ كېچىلەپ پۈتۈن كۈچى بىلەن رازۋېدكا قىلىشى بىلەن، ئۈرۈمچى ۋوگزالىدا يۈز بەرگەن پارتلىتىش دېلوسى پاش قىلىندى.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇنىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق خاراكتېرىدىكى پارتلىتىش، ھۇجۇم قىلىش دېلوسى ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى. سەدىردىن ساۋۇت(39 ياش، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شايار ناھىيەسىدىن) قاتارلىق ئىككى جىنايەت گۇماندارى ئۇزاق مەزگىل دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، دىنىي ئەسەبىي ھەرىكەتلەرگە قاتناشقان، ئۇلار 30-ئاپرېل سائەت 19 دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۈرۈمچى ۋوگزالىنىڭ چىقىش ئېغىزىدا زوراۋانلىق ۋەقەسى سادىر قىلغان. بۇ دېلودا ئۈچ كىشى قازا قىلدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرەيلەن بىگۇناھ ئامما، ئىككى جىنايەت گۇماندارى نەق مەيداندا پارتلاپ ئۆلدى.

  دېلو يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى دەرھال ھەر قايسى تەرەپتىن كۈچ تەشكىللەپ، ئەڭ ياخشى داۋالاش شارائىتى ھازىرلاپ، يارىدارلارنى بىرمۇ بىر قۇتقۇزدى ھەم كىيىنكى خىزمەتلەرنى زور كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلىدى. ھازىر قىسمەن يارىدارلار دوختۇرخانىدىن چىقتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر