باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پۇقرالارغا قۇلايلىق گۆش كۆكتات سېتىش ماگىزىنىدىن 200 نى قۇرىدۇ

2014.05.04 09:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسى قاتلاملىرىدىكى تېخىمۇ كۆپ پۇقرالارنى ئادىل باھالىق گۆش،كۆكتا ئىستېمال قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن،بۇ يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى شەھەرلەر پۇقرالارغا قۇلايلىق گۆش كۆكتات سېتىش ماگىزىنىدىن 200نى يېڭىدىن قۇرۇپ،بۇ قۇلايلىق مۇلازىمەتنىڭ ناھىيە بازىرى ۋە يېزا بازارلىرىدا ئومۇمىيلىشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى سودا تارماقلىرىدىن ئىگىلىشىچە،بۇ يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى گۆش كۆكتاتنى بىۋاسىتە ساتىدىغان 200 ماگىزىننىڭ قۇرۇلۇش ئۆلچىمىنى بىر تۇتاش پىلانلايدىكەن. ھەمدە ئىچكى ئەسلىھەلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئېنىق بېكىتىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شىنجاڭنىڭ سودا مۇلازىمىتى تەرەققىيات مەخسۇس مەبلىغىدىن 10 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەر بىر ماگىزىنغا 50 مىڭ يۈەن تولۇقلىما بېرىپ، پۇقرالارغا قۇلايلىق گۆش كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش ماگىزىنلىرى قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىدىكەن. ئۈرۈمچى شەھىرى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كۆكتات سېتىۋېلىشى قىيىن بولۇش، كۆكتات باھاسى قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، 2010-يىلىدىن باشلاپ پۇقرالارغا قۇلايلىق كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش ماگىزىنى قۇرۇشقا باشلىغان. ھازىرغىچە پۈتۈن شەھەردە پۇقرالارغا قۇلايلىق كۆكتات سېتىش ماگىزىنىدىن 500 قۇرۇلغان بولۇپ، %90 دىن كۆپرەك مەھەللىدە ئومۇمىيلىشىپ، شەھەر ئاھالىلىرىگە زور دەرىجىدە قۇلايلىق يارىتىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر