باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئازاتلىق ئارمىيە ۋە قۇراللىق ساقچى قىسىم ئەمەلىي جەڭ قىلىش مەشىقىنى كۈچەيتتى

2014.05.04 09:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى جەنۇبى ۋوگزالىدا پارتلاش دېلوسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تېررورچى ئۇنسۇرلارنىڭ ھەيۋىسىنى قەتئىي يەرگە ئۇرۇش توغرىسىدا كۆرسەتمە بەردى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئازاتلىق ئارمىيە ۋە قۇراللىق ساقچى قىسىم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى كەڭ دائىرىدە قانات يايدۇرۇپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش ئۇشتۇمتۇت ئەمەلىي جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلبە قىلىپ، شىنجاڭ جەمئىيىتىنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغدىدى. تېررورچى كۈچلەرگە زەربە بېرىشتە مىللەتلەر ئىتتىپاقى، ئارمىيە خەلقنىڭ بىر نىيەتتە بولۇشى ئاساس. شى جىنپىڭ مىللىي روتىلارنى كۆزدىن كەچۈرگەندە ئوفىتسېر -ئەسكەرلەرگە پارتىيەنىڭ سىياسىتىنى ئىجابىي تەشۋىق قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنى تاپىلىدى. شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم پولكى قانات يايدۇرغان «مىللىي تىلدا سۆزلەشنى ئۆگىنىش، مىللىي ناخشىلارنى ئېيتىشنى ئۆگىنىش، مىللەتلەر دوست ئۆتۈش» پائالىيىتى قەلبلەرنى تۇتاشتۇرۇش كۆۋرۈكى بولدى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى قىسىمنىڭ ئىچكى قىسمىنىڭ ئىناق بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماستىن، ئارمىيە خەلق ھېسسىياتىنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى. بۇ پولكتىكى مىللىي روتا يېقىنقى ئۈچ يىلدا 60نەچچە مىڭ يۈەن ئىئانە توپلاپ، تۇرۇشلۇق جايدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىدىن 57 كىشىگە ياردەم بەردى.

  رەئىس شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: زوراۋان تېررورچى كۈچلەرگە يوقىتىش خاراكتېرلىك زەربە بېرىش كېرەك. رەئىس كۆزدىن كەچۈرگەن قۇراللىق ساقچى قىسىمنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق مەلۇم قىسمى ئالاھىدە جىددىي ئەھۋال ئوتتۇرا ئەترىتىدە قىسىم پات ئارىدا داۋاملىق دالىدا ئەمەلىي ئۇرۇش قىلىش قارىلىشىش مانېۋىرى ئېلىپ بارىدۇ. قۇراللىق ساقچى قىسىمنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق مەلۇم ماشىنلاشقان تارماق ئەترىتى كوچىلاردا قۇراللىق چارلاش ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇش بىر تەرەپ قىلىش مۇشكۇل ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالغان. ھازىر تارماق ئەترەتتىكى بارلىق ئوفىتسېر -ئەسكەرلەر بىر ئايدەك قارىغا ئېتىش، تاكتىكا ۋە ماسلىشىپ قوماندانلىق قېلىش مەخسۇس مەشىقى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ «تېرۇرچى بولىدىكەن قەتئىي زەربە بېرىش، ئاشكارلانسىلا زەربە بېرىش، تېررورچى ئۇنسۇرلارنىڭ ھەيۋىسىنى قەتئىي يەرگە ئۇرۇش» كۆرسەتمىسىدە چىڭ تۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر