باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ھەر ئايدا تىپىك دېلولارنى ئېلان قىلىدۇ

2014.05.04 09:29         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى يېقىندا سىرتقا 5 تىپىك دېلونى ئېلان قىلدى ھەمدە دېلونى ھەر ئايدا ئېلان قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇنىڭدىن كېيىن ھەر ئايدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىش ئارقىلىق دېلولار بىرتۇتاش ئېلان قىلىنىدۇ، ئادەتتە دېلولار بەشتىن ئاز بولمايدۇ، بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان دېلولار مۇھىت بۇلغۇنۇشى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش، ئۆي سودىسى توختىمى ماجراسى ۋە مەجبۇرىي ئىجرا قىلىش قاتارلىق ساھەلەرگە بېرىپ چېتىلىدۇ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2013-يىلىدىن بۇيان، ئالىي خەلق سوت مەھكمىسى ئەدلىيەنى ئاشكارىلاشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈردى، دېلولارنى ئاشكارىلاش بۇنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم بىر مەزمۇن، بۇ يىل 2-3-ئايدا ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈپ 18 تىپىك دېلونى مەركەزلىك ئېلان قىلىپ، ياخشى ئىجتىمائىي ئۈنۈمگە ئېرىشتى، بۇ خىزمەتنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن سوت مەھكىمىسى رەھبەرلىرىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن 4-ئايدىن باشلاپ دېلولارنى ئايدا ئېلان قىلىش تۈزۈمى رەسمى ئورنىتىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر