- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
بۇ يىل شىنجاڭ تۆۋەن كاپالەت تولۇقلىما خامچوت مەبلىغىدىن 4 مىليارد 160 مىليون يۈەن ئاجرىتىدۇ
2014.05.04 09:24 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
شەھەر يېزىلاردىكى تۆۋەن كاپالەت خىزمىتىنى نورمال قانات يايدۇرۇش، شەھەر يېزىلاردىكى تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتلىرىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن،1-ماي ھارپىسىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى، مالىيە نازارىتى بىرلىشىپ ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، بۇ يىل شەھەر يېزىلاردىكى تۆۋەن كاپالەت تولۇقلىما خامچوت مەبلىغىدىن جايلارغا 4 مىليارد 160 مىليون يۈەن ئاجرىتىشنى تەلەپ قىلدى.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، مەبلەغ جۇغلاش سالمىقىنى زورايتىپ، شەھەر يېزىلارنىڭ تۆۋەن كاپالەت ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش ۋە كاپالەت ئۆلچىمى بىلەن مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنى بىرىكتۈرۈش بىرلەشمە مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەھەر يېزىلاردىكى تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتلىرىگە باھا تولۇقلىمىسىنى ۋاقتىدا تارقىتىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلدى ۋە ياخشىلىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر