باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ئاممىسى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگەندى

2014.05.04 09:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ئاممىسى يېقىندا جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدا خىزمەت تەكشۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: باش شۇجى سۆزىدە كۆڭلىمىزدىكى گەپلەرنى قىلدى، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۆرۈشىنى قىلچىمۇ بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، يۇقىرى بېسىم بىلەن قاتتىق زەربە بېرىشنى ساقلاپ، زوراۋان تېررورچى ئۇنسۇرلارنىڭ ھەيۋىسىنى قەتئىي يەرگە ئۇرۇپ، دۈشمەننى چۈچۈتۈپ، خەلقنى ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك.

  30-ئاپرېل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۈز بەرگەن زوراۋانلىق تېررورلۇق دېلوسى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ئاممىسىنى ناھايىتى غەزەپلەندۈردى. ئۈرۈمچى تۆمۈر يول جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئۈرۈمچى جامائەت خەۋپسىزلىكى باشقارمىسىنىڭ ساقچىسى لى گوشىيەن مۇنداق دېدى: تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۆرۈشى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە، خەلق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە، ئىسلاھات تەرەققىيات مۇقىملىق ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپى بويىچە، زوراۋانلىقتىن، تېررورلۇقتىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، تېررورلۇققا چېتىلىدىغان زوراۋانلىق قىلمىشلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، جانغا زامىن بولىدىغان قەبىھ زوراۋانلىق تېررورلۇق ھەرىكەتكە قەتئىي زەربە بېرىپ، قەتئىي يۇمشاق قوللۇق قىلماي، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مۇقىملىقنى ساقلاش سالمىقىنى كۈچەيتىمىز. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد ۋە باشقۇرۇش ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى سۈن خۈي مۇنداق دېدى: باش شۇجى ئوتتۇرىغا قويغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقنى مۇستەھكەملەپ، توغرا ۋەتەن قارشى، مىللەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇشنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، پارتىيەنىڭ مىللىي سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقى بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ كۆرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىش باش تېمىسىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ھەر مىللەت ئىناق بىللە ئۆتۈش، بىر نىيەت بىر مەقسەتتە بولۇش، ئىناق تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىمىز. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسىنى ئۆگىنىش تەلىم تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئىلغار ئىدىيە ۋە سەمىمىي، چىرايلىق سۆزلەر بىلەن تەشۋىقات جامائەت پىكىرى ساھەسىنى ئىگىلىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر